فِي ٱلْبَدْءِ كَانَ ٱلْكَلِمَةُ، وَٱلْكَلِمَةُ كَانَ عِنْدَ ٱللهِ، وَكَانَ ٱلْكَلِمَةُ ٱللهَ. | ١ 1 |
مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى. |
هَذَا كَانَ فِي ٱلْبَدْءِ عِنْدَ ٱللهِ. | ٢ 2 |
ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. |
كُلُّ شَيْءٍ بِهِ كَانَ، وَبِغَيْرِهِ لَمْ يَكُنْ شَيْءٌ مِمَّا كَانَ. | ٣ 3 |
ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. |
فِيهِ كَانَتِ ٱلْحَيَاةُ، وَٱلْحَيَاةُ كَانَتْ نُورَ ٱلنَّاسِ، | ٤ 4 |
ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. |
وَٱلنُّورُ يُضِيءُ فِي ٱلظُّلْمَةِ، وَٱلظُّلْمَةُ لَمْ تُدْرِكْهُ. | ٥ 5 |
ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. |
كَانَ إِنْسَانٌ مُرْسَلٌ مِنَ ٱللهِ ٱسْمُهُ يُوحَنَّا. | ٦ 6 |
بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. |
هَذَا جَاءَ لِلشَّهَادَةِ لِيَشْهَدَ لِلنُّورِ، لِكَيْ يُؤْمِنَ ٱلْكُلُّ بِوَاسِطَتِهِ. | ٧ 7 |
ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۈرۈلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى. |
لَمْ يَكُنْ هُوَ ٱلنُّورَ، بَلْ لِيَشْهَدَ لِلنُّورِ. | ٨ 8 |
[يەھيانىڭ] ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. |
كَانَ ٱلنُّورُ ٱلْحَقِيقِيُّ ٱلَّذِي يُنِيرُ كُلَّ إِنْسَانٍ آتِيًا إِلَى ٱلْعَالَمِ. | ٩ 9 |
ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى. |
كَانَ فِي ٱلْعَالَمِ، وَكُوِّنَ ٱلْعَالَمُ بِهِ، وَلَمْ يَعْرِفْهُ ٱلْعَالَمُ. | ١٠ 10 |
ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. |
إِلَى خَاصَّتِهِ جَاءَ، وَخَاصَّتُهُ لَمْ تَقْبَلْهُ. | ١١ 11 |
ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. |
وَأَمَّا كُلُّ ٱلَّذِينَ قَبِلُوهُ فَأَعْطَاهُمْ سُلْطَانًا أَنْ يَصِيرُوا أَوْلَادَ ٱللهِ، أَيِ ٱلْمُؤْمِنُونَ بِٱسْمِهِ. | ١٢ 12 |
شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. |
اَلَّذِينَ وُلِدُوا لَيْسَ مِنْ دَمٍ، وَلَا مِنْ مَشِيئَةِ جَسَدٍ، وَلَا مِنْ مَشِيئَةِ رَجُلٍ، بَلْ مِنَ ٱللهِ. | ١٣ 13 |
ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ. |
وَٱلْكَلِمَةُ صَارَ جَسَدًا وَحَلَّ بَيْنَنَا، وَرَأَيْنَا مَجْدَهُ، مَجْدًا كَمَا لِوَحِيدٍ مِنَ ٱلْآبِ، مَمْلُوءًا نِعْمَةً وَحَقًّا. | ١٤ 14 |
كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر. |
يُوحَنَّا شَهِدَ لَهُ وَنَادَى قَائِلًا: «هَذَا هُوَ ٱلَّذِي قُلْتُ عَنْهُ: إِنَّ ٱلَّذِي يَأْتِي بَعْدِي صَارَ قُدَّامِي، لِأَنَّهُ كَانَ قَبْلِي». | ١٥ 15 |
(يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ــ مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى) |
وَمِنْ مِلْئِهِ نَحْنُ جَمِيعًا أَخَذْنَا، وَنِعْمَةً فَوْقَ نِعْمَةٍ. | ١٦ 16 |
چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق. |
لِأَنَّ ٱلنَّامُوسَ بِمُوسَى أُعْطِيَ، أَمَّا ٱلنِّعْمَةُ وَٱلْحَقُّ فَبِيَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ صَارَا. | ١٧ 17 |
چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. |
ٱللهُ لَمْ يَرَهُ أَحَدٌ قَطُّ. اَلِٱبْنُ ٱلْوَحِيدُ ٱلَّذِي هُوَ فِي حِضْنِ ٱلْآبِ هُوَ خَبَّرَ. | ١٨ 18 |
خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى. |
وَهَذِهِ هِيَ شَهَادَةُ يُوحَنَّا، حِينَ أَرْسَلَ ٱلْيَهُودُ مِنْ أُورُشَلِيمَ كَهَنَةً وَلَاوِيِّينَ لِيَسْأَلُوهُ: «مَنْ أَنْتَ؟». | ١٩ 19 |
يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار يەھيادىن «سەن كىمسەن؟» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇلارغا جاۋابەن بەرگەن گۇۋاھلىقى مۇنداق ئىدى: |
فَٱعْتَرَفَ وَلَمْ يُنْكِرْ، وَأَقَرَّ: «إِنِّي لَسْتُ أَنَا ٱلْمَسِيحَ». | ٢٠ 20 |
ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى. |
فَسَأَلُوهُ: «إِذًا مَاذَا؟ إِيلِيَّا أَنْتَ؟». فَقَالَ: «لَسْتُ أَنَا». «أَلنَّبِيُّ أَنْتَ؟». فَأَجَابَ: «لَا». | ٢١ 21 |
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس [پەيغەمبەر]مۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، مەن ئۇ ئەمەسمەن، ــ دېدى ئۇ. ــ ئەمىسە، سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. ئۇ يەنە: ــ ياق! ــ دېدى. |
فَقَالُوا لَهُ: «مَنْ أَنْتَ، لِنُعْطِيَ جَوَابًا لِلَّذِينَ أَرْسَلُونَا؟ مَاذَا تَقُولُ عَنْ نَفْسِكَ؟». | ٢٢ 22 |
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە جاۋاب بېرىشىمىز ئۈچۈن، [بىزگە ئېيتقىن]، ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
قَالَ: «أَنَا صَوْتُ صَارِخٍ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ: قَوِّمُوا طَرِيقَ ٱلرَّبِّ، كَمَا قَالَ إِشَعْيَاءُ ٱلنَّبِيُّ». | ٢٣ 23 |
يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن! |
وَكَانَ ٱلْمُرْسَلُونَ مِنَ ٱلْفَرِّيسِيِّينَ، | ٢٤ 24 |
ئەمدى [يېرۇسالېمدىن] ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى. ئۇلار يەنە يەھيادىن: ــ سەن يا مەسىھ، يا ئىلياس ياكى ھېلىقى پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَسَأَلُوهُ وَقَالُوا لَهُ: «فَمَا بَالُكَ تُعَمِّدُ إِنْ كُنْتَ لَسْتَ ٱلْمَسِيحَ، وَلَا إِيلِيَّا، وَلَا ٱلنَّبِيَّ؟». | ٢٥ 25 |
أَجَابَهُمْ يُوحَنَّا قَائِلًا: «أَنَا أُعَمِّدُ بِمَاءٍ، وَلَكِنْ فِي وَسْطِكُمْ قَائِمٌ ٱلَّذِي لَسْتُمْ تَعْرِفُونَهُ. | ٢٦ 26 |
يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ــ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا تۇرغۇچى سىلەر تونۇمىغان بىرسى بار؛ |
هُوَ ٱلَّذِي يَأْتِي بَعْدِي، ٱلَّذِي صَارَ قُدَّامِي، ٱلَّذِي لَسْتُ بِمُسْتَحِقٍّ أَنْ أَحُلَّ سُيُورَ حِذَائِهِ». | ٢٧ 27 |
ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! |
هَذَا كَانَ فِي بَيْتِ عَبْرَةَ فِي عَبْرِ ٱلْأُرْدُنِّ حَيْثُ كَانَ يُوحَنَّا يُعَمِّدُ. | ٢٨ 28 |
بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى [سۇغا] چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى. |
وَفِي ٱلْغَدِ نَظَرَ يُوحَنَّا يَسُوعَ مُقْبِلًا إِلَيْهِ، فَقَالَ: «هُوَذَا حَمَلُ ٱللهِ ٱلَّذِي يَرْفَعُ خَطِيَّةَ ٱلْعَالَمِ! | ٢٩ 29 |
ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ــ مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى! |
هَذَا هُوَ ٱلَّذِي قُلْتُ عَنْهُ: يَأْتِي بَعْدِي، رَجُلٌ صَارَ قُدَّامِي، لِأَنَّهُ كَانَ قَبْلِي. | ٣٠ 30 |
مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! |
وَأَنَا لَمْ أَكُنْ أَعْرِفُهُ. لَكِنْ لِيُظْهَرَ لِإِسْرَائِيلَ لِذَلِكَ جِئْتُ أُعَمِّدُ بِٱلْمَاءِ». | ٣١ 31 |
مەن بۇرۇن ئۇنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئىسرائىلغا ئايان بولسۇن دەپ، كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. |
وَشَهِدَ يُوحَنَّا قَائِلًا: «إِنِّي قَدْ رَأَيْتُ ٱلرُّوحَ نَازِلًا مِثْلَ حَمَامَةٍ مِنَ ٱلسَّمَاءِ فَٱسْتَقَرَّ عَلَيْهِ. | ٣٢ 32 |
يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. |
وَأَنَا لَمْ أَكُنْ أَعْرِفُهُ، لَكِنَّ ٱلَّذِي أَرْسَلَنِي لِأُعَمِّدَ بِٱلْمَاءِ، ذَاكَ قَالَ لِي: ٱلَّذِي تَرَى ٱلرُّوحَ نَازِلًا وَمُسْتَقِرًّا عَلَيْهِ، فَهَذَا هُوَ ٱلَّذِي يُعَمِّدُ بِٱلرُّوحِ ٱلْقُدُسِ. | ٣٣ 33 |
مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى. |
وَأَنَا قَدْ رَأَيْتُ وَشَهِدْتُ أَنَّ هَذَا هُوَ ٱبْنُ ٱللهِ». | ٣٤ 34 |
مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم! |
وَفِي ٱلْغَدِ أَيْضًا كَانَ يُوحَنَّا وَاقِفًا هُوَ وَٱثْنَانِ مِنْ تَلَامِيذِهِ، | ٣٥ 35 |
ئەتىسى، يەھيا ئىككى مۇخلىسى بىلەن يەنە شۇ يەردە تۇراتتى. |
فَنَظَرَ إِلَى يَسُوعَ مَاشِيًا، فَقَالَ: «هُوَذَا حَمَلُ ٱللهِ!». | ٣٦ 36 |
ئۇ [ئۇ يەردىن] مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ: ــ قاراڭلار! خۇدانىڭ قوزىسى! ــ دېدى. |
فَسَمِعَهُ ٱلتِّلْمِيذَانِ يَتَكَلَّمُ، فَتَبِعَا يَسُوعَ. | ٣٧ 37 |
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىككى مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. |
فَٱلْتَفَتَ يَسُوعُ وَنَظَرَهُمَا يَتْبَعَانِ، فَقَالَ لَهُمَا: «مَاذَا تَطْلُبَانِ؟». فَقَالَا: «رَبِّي» ٱلَّذِي تَفْسِيرُهُ: يَا مُعَلِّمُ. «أَيْنَ تَمْكُثُ؟». | ٣٨ 38 |
ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن: ــ نېمە ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ راببى (بۇ [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسەن؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُمَا: «تَعَالَيَا وَٱنْظُرَا». فَأَتَيَا وَنَظَرَا أَيْنَ كَانَ يَمْكُثُ، وَمَكَثَا عِنْدَهُ ذَلِكَ ٱلْيَوْمَ. وَكَانَ نَحْوَ ٱلسَّاعَةِ ٱلْعَاشِرَةِ. | ٣٩ 39 |
ــ بېرىپ كۆرۈڭلار، ــ دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى (بۇ ۋاقىت شۇ كۈننىڭ ئونىنچى سائىتى ئىدى). |
كَانَ أَنْدَرَاوُسُ أَخُو سِمْعَانَ بُطْرُسَ وَاحِدًا مِنَ ٱلِٱثْنَيْنِ ٱللَّذَيْنِ سَمِعَا يُوحَنَّا وَتَبِعَاهُ. | ٤٠ 40 |
يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككىيلەننىڭ بىرى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئىدى. |
هَذَا وَجَدَ أَوَّلًا أَخَاهُ سِمْعَانَ، فَقَالَ لَهُ: «قَدْ وَجَدْنَا مَسِيَّا» ٱلَّذِي تَفْسِيرُهُ: ٱلْمَسِيحُ. | ٤١ 41 |
ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! ــ دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) |
فَجَاءَ بِهِ إِلَى يَسُوعَ. فَنَظَرَ إِلَيْهِ يَسُوعُ وَقَالَ: «أَنْتَ سِمْعَانُ بْنُ يُونَا. أَنْتَ تُدْعَى صَفَا» ٱلَّذِي تَفْسِيرُهُ: بُطْرُسُ. | ٤٢ 42 |
ۋە ئاكىسىنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون؛ بۇنىڭدىن كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن، ــ دېدى (مەنىسى «تاش»تۇر). |
فِي ٱلْغَدِ أَرَادَ يَسُوعُ أَنْ يَخْرُجَ إِلَى ٱلْجَلِيلِ، فَوَجَدَ فِيلُبُّسَ فَقَالَ لَهُ: «ٱتْبَعْنِي». | ٤٣ 43 |
ئەتىسى، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە يول ئالماقچى ئىدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! ــ دېدى |
وَكَانَ فِيلُبُّسُ مِنْ بَيْتِ صَيْدَا، مِنْ مَدِينَةِ أَنْدَرَاوُسَ وَبُطْرُسَ. | ٤٤ 44 |
(فىلىپ بەيت-سائىدالىق بولۇپ، ئاندرىياس بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى). |
فِيلُبُّسُ وَجَدَ نَثَنَائِيلَ وَقَالَ لَهُ: «وَجَدْنَا ٱلَّذِي كَتَبَ عَنْهُ مُوسَى فِي ٱلنَّامُوسِ وَٱلْأَنْبِيَاءُ يَسُوعَ ٱبْنَ يُوسُفَ ٱلَّذِي مِنَ ٱلنَّاصِرَةِ». | ٤٥ 45 |
فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ [يازمىلىرىدا] بېشارەت قىلىپ يازغان زاتنى تاپتۇق. ئۇ بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن! ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ نَثَنَائِيلُ: «أَمِنَ ٱلنَّاصِرَةِ يُمْكِنُ أَنْ يَكُونَ شَيْءٌ صَالِحٌ؟». قَالَ لَهُ فِيلُبُّسُ: «تَعَالَ وَٱنْظُرْ». | ٤٦ 46 |
بىراق ناتانىيەل: ــ ناسارەت دېگەن جايدىن ياخشى بىرنېمە چىقامدۇ؟! ــ دېدى. كېلىپ كۆرۈپ باق! ــ دېدى فىلىپ. |
وَرَأَى يَسُوعُ نَثَنَائِيلَ مُقْبِلًا إِلَيْهِ، فَقَالَ عَنْهُ: «هُوَذَا إِسْرَائِيلِيٌّ حَقًّا لَا غِشَّ فِيهِ». | ٤٧ 47 |
ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: ــ مانا، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىللىق! ــ دېدى. |
قَالَ لَهُ نَثَنَائِيلُ: «مِنْ أَيْنَ تَعْرِفُنِي؟». أَجَابَ يَسُوعُ وَقَالَ لَهُ: «قَبْلَ أَنْ دَعَاكَ فِيلُبُّسُ وَأَنْتَ تَحْتَ ٱلتِّينَةِ، رَأَيْتُكَ». | ٤٨ 48 |
ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، ــ دېدى. |
أَجَابَ نَثَنَائِيلُ وَقَالَ لَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، أَنْتَ ٱبْنُ ٱللهِ! أَنْتَ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ!». | ٤٩ 49 |
ناتانىيەل جاۋابەن: ــ ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! ــ دېدى. |
أَجَابَ يَسُوعُ وَقَالَ لَهُ: «هَلْ آمَنْتَ لِأَنِّي قُلْتُ لَكَ إِنِّي رَأَيْتُكَ تَحْتَ ٱلتِّينَةِ؟ سَوْفَ تَرَى أَعْظَمَ مِنْ هَذَا!». | ٥٠ 50 |
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن! ــ دېدى |
وَقَالَ لَهُ: «ٱلْحَقَّ ٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: مِنَ ٱلْآنَ تَرَوْنَ ٱلسَّمَاءَ مَفْتُوحَةً، وَمَلَائِكَةَ ٱللهِ يَصْعَدُونَ وَيَنْزِلُونَ عَلَى ٱبْنِ ٱلْإِنْسَانِ». | ٥١ 51 |
ۋە يەنە: ــ بەرھەق، بەرھەق سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! ــ دېدى. |