< 列王纪上 21 >

1 这事以后,又有一事。耶斯列人拿伯在耶斯列有一个葡萄园,靠近撒马利亚王亚哈的宫。
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ يىزرەئەلدە، سامارىيەنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى.
2 亚哈对拿伯说:“你将你的葡萄园给我作菜园,因为是靠近我的宫;我就把更好的葡萄园换给你,或是你要银子,我就按着价值给你。”
ئاھاب نابوتقا سۆز قىلىپ: ــ ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچ، ئۇنى بىر سەي-كۆكتاتلىق باغ قىلاي. ئۇنىڭ ئورنىدا ساڭا ئوبدانراق بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي ياكى لايىق كۆرسەڭ باھاسىنى نەق بېرىمەن، دېدى.
3 拿伯对亚哈说:“我敬畏耶和华,万不敢将我先人留下的产业给你。”
ئەمما نابوت ئاھابقا: ــ پەرۋەردىگار مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا سېتىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن، دېدى.
4 亚哈因耶斯列人拿伯说“我不敢将我先人留下的产业给你”,就闷闷不乐地回宫,躺在床上,转脸向内,也不吃饭。
ئاھاب يىزرەئەللىك نابوتنىڭ: «ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا بەرمەيمەن» دەپ ئېيتقان سۆزىدىن خاپا بولۇپ غەشلىككە چۆمگەن ھالدا ئوردىسىغا قايتتى؛ ئۇ كارىۋاتتا يېتىپ يۈزىنى [تام] تەرەپكە ئۆرۈپ نانمۇ يېمىدى.
5 王后耶洗别来问他说:“你为什么心里这样忧闷,不吃饭呢?”
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: روھىي كەيپىياتىڭ نېمىشقا شۇنچە تۆۋەن، نېمىشقا نان يېمەيسەن؟ ــ دېدى.
6 他回答说:“因我向耶斯列人拿伯说:‘你将你的葡萄园给我,我给你价银,或是你愿意,我就把别的葡萄园换给你’;他却说:‘我不将我的葡萄园给你。’”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا بەرسەڭ، ياكى لايىق كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېدىم. لېكىن ئۇ: «ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دېدى، ــ دېدى.
7 王后耶洗别对亚哈说:“你现在是治理以色列国不是?只管起来,心里畅畅快快地吃饭,我必将耶斯列人拿伯的葡萄园给你。”
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭغا: ــ سەن ھازىر ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ قوپۇپ نان يەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلغىن؛ مەن ساڭا يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئېرىشتۈرىمەن، دېدى.
8 于是托亚哈的名写信,用王的印印上,送给那些与拿伯同城居住的长老贵胄。
ئاندىن ئۇ ئاھابنىڭ نامىدا بىر خەت يېزىپ، ئۈستىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى نابوتنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەرگە ئەۋەتتى.
9 信上写着说:“你们当宣告禁食,叫拿伯坐在民间的高位上,
خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى: ــ «روزا تۇتۇش كېرەك دەپ بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزغىن؛
10 又叫两个匪徒坐在拿伯对面,作见证告他说:‘你谤渎 神和王了’;随后就把他拉出去用石头打死。”
ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار».
11 那些与拿伯同城居住的长老贵胄得了耶洗别的信,就照信而行,
شەھەرنىڭ ئادەملىرى، يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاقساقالار بىلەن مۆتىۋەرلەر يىزەبەلنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن خېتىدە پۈتۈلگەندەك قىلدى؛
12 宣告禁食,叫拿伯坐在民间的高位上。
ئۇلار روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزدى.
13 有两个匪徒来,坐在拿伯的对面,当着众民作见证告他说:“拿伯谤渎 神和王了!”众人就把他拉到城外,用石头打死。
ئاندىن ئۇ ئىككى ئادەم، يەنى بېلىيالنىڭ بالىلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ: «نابوت خۇداغا ۋە پادىشاھقا دەشنەم قىلدى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ تاشقىرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.
14 于是打发人去见耶洗别,说:“拿伯被石头打死了。”
ئاندىن ئۇلار يىزەبەلگە ئادەم ئەۋەتىپ: «نابوت چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى» دەپ خەۋەر بەردى.
15 耶洗别听见拿伯被石头打死,就对亚哈说:“你起来得耶斯列人拿伯不肯为价银给你的葡萄园吧!现在他已经死了。”
يىزەبەل نابوتنىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاھابقا: قوپۇپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ساڭا پۇلغا بەرگىلى ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىن؛ چۈنكى نابوت ھايات ئەمەس، بەلكى ئۆلدى، دېدى.
16 亚哈听见拿伯死了,就起来,下去要得耶斯列人拿伯的葡萄园。
شۇنداق بولدىكى، ئاھاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شۇ يەرگە باردى.
17 耶和华的话临到提斯比人以利亚说:
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
18 “你起来,去见住撒马利亚的以色列王亚哈,他下去要得拿伯的葡萄园,现今正在那园里。
«قوپۇپ بېرىپ، سامارىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب بىلەن ئۇچراشقىن؛ مانا ئۇ نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى.
19 你要对他说:‘耶和华如此说:你杀了人,又得他的产业吗?’又要对他说:‘耶和华如此说:狗在何处舔拿伯的血,也必在何处舔你的血。’”
ئۇنىڭغا: ــ «ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ، يېرىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» ــ دېگىن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نابوتنىڭ قېنىنى ئىتلار يالىغان جايدا سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» ــ دېگىن».
20 亚哈对以利亚说:“我仇敌啊,你找到我吗?”他回答说:“我找到你了;因为你卖了自己,行耶和华眼中看为恶的事。
ئاھاب ئىلىياسقا: ــ ئى دۈشمىنىم، مېنى تاپتىڭمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ راست، مەن سېنى تاپتىم؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى سېتىۋەتتىڭ.
21 耶和华说:‘我必使灾祸临到你,将你除尽。凡属你的男丁,无论困住的、自由的,都从以色列中剪除。
پەرۋەردىگار: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بالا چۈشۈرۈپ نەسلىڭنى يوقىتىپ، سەن ئاھابنىڭ ئىسرائىلدا قالغان جەمەتىدىكى ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۈزۈپ يوقىتىمەن؛
22 我必使你的家像尼八的儿子耶罗波安的家,又像亚希雅的儿子巴沙的家;因为你惹我发怒,又使以色列人陷在罪里。’
ۋە سەن مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ ئىسرائىلنى گۇناھقا ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن» ــ دەيدۇ، ــ دېدى.
23 论到耶洗别,耶和华也说:‘狗在耶斯列的外郭必吃耶洗别的肉。
ــ يىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ تېشىدا ئىتلار يىزەبەلنى يەيدۇ.
24 凡属亚哈的人,死在城中的必被狗吃,死在田野的必被空中的鸟吃。’” (
ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن شەھەردە ئۆلگەنلەرنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگەنلەرنى بولسا ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ» دېدى
25 从来没有像亚哈的,因他自卖,行耶和华眼中看为恶的事,受了王后耶洗别的耸动;
(بەرھەق، خوتۇنى يىزەبەلنىڭ قۇترىتىشلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلغىلى ئۆزىنى ساتقان ئاھابدەك ھېچكىم يوق ئىدى.
26 就照耶和华在以色列人面前所赶出的亚摩利人,行了最可憎恶的事,信从偶像。)
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ قوغلىۋەتكەن ئامورىيلارنىڭ قىلغىنىدەك قىلىپ، يىرگىنچلىك بۇتلارغا تايىنىپ ئەگىشىپ، لەنەتلىك ئىشلارنى قىلاتتى).
27 亚哈听见这话,就撕裂衣服,禁食,身穿麻布,睡卧也穿着麻布,并且缓缓而行。
لېكىن ئاھاب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ بەدىنىگە بۆز يۆگەپ، روزا تۇتتى. ئۇ بۆز رەختتە ياتاتتى، جىمجىت ماڭاتتى.
28 耶和华的话临到提斯比人以利亚说:
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ: ــ
29 “亚哈在我面前这样自卑,你看见了吗?因他在我面前自卑,他还在世的时候,我不降这祸;到他儿子的时候,我必降这祸与他的家。”
«ئاھابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى قانداق تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ بالانى ئۇنىڭ كۈنلىرىدە كەلتۈرمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ جەمەتىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېيىلدى.

< 列王纪上 21 >