< 传道书 1 >

1 在耶路撒冷作王、大卫的儿子、传道者的言语。
يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان، داۋۇتنىڭ ئوغلى «ھېكمەت توپلىغۇچى»نىڭ سۆزلىرى: ــ
2 传道者说:虚空的虚空, 虚空的虚空,凡事都是虚空。
«بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!»
3 人一切的劳碌, 就是他在日光之下的劳碌,有什么益处呢?
قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟
4 一代过去,一代又来, 地却永远长存。
بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛ بىراق يەر-زېمىن مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ؛
5 日头出来,日头落下, 急归所出之地。
كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛ ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ.
6 风往南刮,又向北转, 不住地旋转,而且返回转行原道。
شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛ ئاندىن بۇرۇلۇپ شىمالغا قاراپ سوقىدۇ؛ ئۇ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ، ھەردائىم ئۆز ئايلانما يولىغا قايتىدۇ.
7 江河都往海里流,海却不满; 江河从何处流,仍归还何处。
بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛ دەريالار قايسى جايغا ئاققان بولسا، ئۇلار يەنە شۇ يەرگە قايتىدۇ.
8 万事令人厌烦, 人不能说尽。 眼看,看不饱; 耳听,听不足。
بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛ ئۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈچى ئادەم يوقتۇر؛ كۆز كۆرۈشتىن، قۇلاق ئاڭلاشتىن ھەرگىز تويمايدۇ.
9 已有的事后必再有; 已行的事后必再行。 日光之下并无新事。
بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛ قىلغان ئىشلار يەنە قىلىنىدۇ؛ قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر.
10 岂有一件事人能指着说这是新的? 哪知,在我们以前的世代早已有了。
«مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟ ئۇ بەرىبىر بىزدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردۇر.
11 已过的世代,无人记念; 将来的世代,后来的人也不记念。
بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ.
12 我传道者在耶路撒冷作过以色列的王。
مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛
13 我专心用智慧寻求、查究天下所做的一切事,乃知 神叫世人所经练的是极重的劳苦。
مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان!
14 我见日光之下所做的一切事,都是虚空,都是捕风。
مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.
15 弯曲的,不能变直; 缺少的,不能足数。
ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس.
16 我心里议论说:我得了大智慧,胜过我以前在耶路撒冷的众人,而且我心中多经历智慧和知识的事。
مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم.
17 我又专心察明智慧、狂妄,和愚昧,乃知这也是捕风。
شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم.
18 因为多有智慧,就多有愁烦; 加增知识的,就加增忧伤。
چۈنكى دانالىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتمۇ كۆپ بولىدۇ؛ بىلىمىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ كۆپىيدۇ.

< 传道书 1 >