< 以西结书 8 >

1 第六年六月初五日,我坐在家中;犹大的众长老坐在我面前。在那里主耶和华的灵降在我身上。
ئالتىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدىكى، مەن ئۆز ئۆيۈمدە ئولتۇرغىنىمدا، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇغىنىدا، رەب پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى.
2 我观看,见有形象仿佛火的形状,从他腰以下的形状有火,从他腰以上有光辉的形状,仿佛光耀的精金。
مەن قارىدىم، مانا، ئوتنىڭ قىياپىتىدە بىر زاتنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ بېلىنىڭ تۆۋىنى ئوت تۇرقىدا تۇراتتى؛ بېلىنىڭ ئۈستى بولسا جۇلالىغان يورۇقلۇق، قىزىتىلغان مىس پارقىرىغاندەك كۆرۈنۈش تۇراتتى.
3 他伸出仿佛一只手的样式,抓住我的一绺头发,灵就将我举到天地中间,在 神的异象中,带我到耶路撒冷朝北的内院门口,在那里有触动主怒偶像的坐位,就是惹动忌邪的。
ئۇ قولنىڭ كۆرۈنۈشىدەك بىر شەكىلنى سوزۇپ، بېشىمدىكى بىر تۇتام چاچنى تۇتتى؛ روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە يېرۇسالېمغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى. ئاشۇ يەر «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد تۇرغان جاي ئىدى.
4 谁知,在那里有以色列 神的荣耀,形状与我在平原所见的一样。
مانا، مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى.
5 神对我说:“人子啊,你举目向北观看。”我就举目向北观看,见祭坛门的北边,在门口有这惹忌邪的偶像;
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ باق، دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قارىدىم، مانا، قۇربانگاھنىڭ دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، بوسۇغىدا شۇ «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشلاشقان مەبۇد» تۇراتتى.
6 又对我说:“人子啊,以色列家所行的,就是在此行这大可憎的事,使我远离我的圣所,你看见了吗?你还要看见另有大可憎的事。”
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ــ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنى مۇقەددەس جايىمدىن يىراق كەتكۈزىدىغان، مۇشۇ يەردە قىلغان ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆردۈڭسەن؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى.
7 他领我到院门口。我观看,见墙上有个窟窿。
ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئاپاردى، مەن قارىدىم، مانا، تامدا بىر تۆشۈك تۇراتتى.
8 他对我说:“人子啊,你要挖墙。”我一挖墙,见有一门。
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، تامنى كولاپ تەشكىن، دېدى. مەن تامنى كولاپ تەشتىم، مانا، بىر ئىشىك تۇراتتى.
9 他说:“你进去,看他们在这里所行可憎的恶事。”
ئۇ ماڭا: ــ كىرگىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەردە قىلغان رەزىل يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرۈپ باق، دېدى.
10 我进去一看,谁知,在四面墙上画着各样爬物和可憎的走兽,并以色列家一切的偶像。
مەن كىرىپ قارىدىم، مانا، ئەتراپىدىكى تاملارغا نەقىش قىلىنغان ھەرخىل ئۆمىلىگۈچى ھەم يىرگىنچلىك ھايۋانلارنى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ھەممە بۇتلىرىنى كۆردۈم.
11 在这些像前有以色列家的七十个长老站立,沙番的儿子雅撒尼亚也站在其中。各人手拿香炉,烟云的香气上腾。
ۋە بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شافاننىڭ ئوغلى جائازانىيا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدا ئۆز خۇشبۇيدېنىنى تۇتۇپ تۇراتتى؛ خۇشبۇي قۇيۇق بۇلۇتتەك ئۆرلەپ چىقتى.
12 他对我说:“人子啊,以色列家的长老暗中在各人画像屋里所行的,你看见了吗?他们常说:‘耶和华看不见我们;耶和华已经离弃这地。’”
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، يەنى ھەربىرىنىڭ ئۆز مەبۇد نەقىش قىلىنغان ھۇجرىسىدا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ؛ پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى» ــ دەيدۇ، ــ دېدى.
13 他又说:“你还要看见他们另外行大可憎的事。”
ۋە ئۇ ماڭا: ــ بىراق سەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى كۆرىسەن، دېدى.
14 他领我到耶和华殿外院朝北的门口。谁知,在那里有妇女坐着,为搭模斯哭泣。
ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى؛ مانا، شۇ يەردە «تاممۇز ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ» يىغلاۋاتقان ئاياللار ئولتۇراتتى.
15 他对我说:“人子啊,你看见了吗?你还要看见比这更可憎的事。”
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى.
16 他又领我到耶和华殿的内院。谁知,在耶和华的殿门口、廊子和祭坛中间,约有二十五个人背向耶和华的殿,面向东方拜日头。
ۋە ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا ئاپاردى. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ كىرىش يولىدا، پېشايۋان ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يىگىرمە بەش ئادەم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى.
17 他对我说:“人子啊,你看见了吗?犹大家在此行这可憎的事还算为小吗?他们在这地遍行强暴,再三惹我发怒,他们手拿枝条举向鼻前。
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ يەھۇدا جەمەتى ئۆزى مۇشۇ يەردە قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېنىك دەپ، ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۈستىگە زېمىننى جەبىر-زۇلۇم بىلەن تولدۇرۇپ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قايتا-قايتا قوزغاتسا بولامدۇ؟ ۋە مانا، ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا!
18 因此,我也要以忿怒行事,我眼必不顾惜,也不可怜他们;他们虽向我耳中大声呼求,我还是不听。”
شۇڭا مەن قەھر بىلەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ ئۇلار قۇلىقىمغا يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن، ــ دېدى.

< 以西结书 8 >