< 以西结书 1 >

1 当三十年四月初五日,以西结在迦巴鲁河边被掳的人中,天就开了,得见 神的异象。
ئوتتۇزىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، مەن كېۋار دەرياسىغا سۈرگۈن قىلىنغانلار ئارىسىدا تۇرغان مەزگىلدە، مانا ئاسمانلار ئېچىلىپ، مەن خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۈم.
2 正是约雅斤王被掳去第五年四月初五日,
تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ــ يەھوئاكىننىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى ئىدى ــ
3 在迦勒底人之地、迦巴鲁河边,耶和华的话特特临到布西的儿子祭司以西结;耶和华的灵降在他身上。
كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا، كېۋار دەرياسى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزاكىيال كاھىنغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى ــ شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندى.
4 我观看,见狂风从北方刮来,随着有一朵包括闪烁火的大云,周围有光辉;从其中的火内发出好像光耀的精金;
مەن كۆردۈم، مانا! شىمالدىن بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلدى؛ يوغان بىر بۇلۇت ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان بىر ئوت، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر يورۇقلۇق جۇلالىنىپ تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى شۇ ئوت ئىچىدىن، ئىسسىقتىن جۇلالانغان پارقىراق مىستەك بىر كۆرۈنۈش كۆرۈندى.
5 又从其中显出四个活物的形象来。他们的形状是这样:有人的形象,
يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، تۆت ھايات مەخلۇق كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق ئىدىكى: ــ ئۇلاردا ئىنساننىڭ قىياپىتى بار ئىدى؛
6 各有四个脸面,四个翅膀。
ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى؛ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى بار ئىدى.
7 他们的腿是直的,脚掌好像牛犊之蹄,都灿烂如光明的铜。
ئۇلارنىڭ تۈپتۈز پۇتلىرى بار ئىدى؛ تاپانلىرى بولسا موزاينىڭ تۇياقلىرىغا ئوخشايتتى؛ ئۇلار پارقىرىتىلغان مىستەك پارلاپ تۇراتتى.
8 在四面的翅膀以下有人的手。这四个活物的脸和翅膀乃是这样:
تۆت يېنىدا، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنساننىڭكىدەك بىردىن قولى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى؛
9 翅膀彼此相接,行走并不转身,俱各直往前行。
ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى؛ ئۇلار يۈرگەندە ھېچياققا بۇرۇلمايتتى؛ ئۇلار ھەممىسى ئۇدۇل ئالدىغا يۈرەتتى.
10 至于脸的形象:前面各有人的脸,右面各有狮子的脸,左面各有牛的脸,后面各有鹰的脸。
ئۇلارنىڭ يۈز كۆرۈنۈشلىرى ئىنساننىڭكىدەك ئىدى؛ ئۇ تۆتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە شىرنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ سول تەرىپىدە بۇقىنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يۈزىمۇ بار ئىدى.
11 各展开上边的两个翅膀相接,各以下边的两个翅膀遮体。
ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەنە شۇنداق ئىدى. قاناتلىرى يۇقىرىدا كېرىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىككى قانىتى ئىككى تەرىپىدىكى مەخلۇقنىڭ قانىتىغا تۇتىشاتتى؛ يەنە ئىككى قانىتى ئۆز تېنىنى يېپىپ تۇراتتى.
12 他们俱各直往前行。灵往哪里去,他们就往那里去,行走并不转身。
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇدۇلغا قاراپ ماڭاتتى؛ ئۇلاردا بولغان روھ نەگە بارىمەن دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچقايسى تەرەپكە بۇرۇلمايتتى.
13 至于四活物的形象,就如烧着火炭的形状,又如火把的形状。火在四活物中间上去下来,这火有光辉,从火中发出闪电。
ھايات مەخلۇقلارنىڭ قىياپىتى بولسا، كۆيۈپ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتنىڭ چوغىدەك، مەشئەللەردەك ئىدى؛ مۇشۇ ئوت ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ مەخلۇقلار ئارىسىدا يۈرەتتى؛ ئوت ئىنتايىن يالقۇنلۇق ئىدى، ئوتتىن چاقماقلار چېقىپ تۇراتتى؛
14 这活物往来奔走,好像电光一闪。
ھايات مەخلۇقلار چاقماقتەك پال-پۇل قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ تۇراتتى.
15 我正观看活物的时候,见活物的脸旁各有一轮在地上。
مەن ھايات مەخلۇقلارغا قارىدىم، مانا ھايات مەخلۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىدا يەردە تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇدۇللانغان بىردىن چاق تۇراتتى؛
16 轮的形状和颜色好像水苍玉。四轮都是一个样式,形状和作法好像轮中套轮。
چاقلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بىرخىللا كۆرۈنۈشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بولسا، چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى.
17 轮行走的时候,向四方都能直行,并不掉转。
مەخلۇقلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆت تەرىپىنىڭ ھەممىسىگە ئۇدۇل ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى.
18 至于轮辋,高而可畏;四个轮辋周围满有眼睛。
چاقلارنىڭ ئۇلتاڭلىرى بولسا، ئىنتايىن ئېگىز ھەم دەھشەتلىك ئىدى؛ ئۇلار تۆتىسىنىڭ ئۇلتاڭلىرىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى.
19 活物行走,轮也在旁边行走;活物从地上升,轮也都上升。
ھايات مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلار ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ ھايات مەخلۇقلار يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ كۆتۈرۈلەتتى.
20 灵往哪里去,活物就往那里去;活物上升,轮也在活物旁边上升,因为活物的灵在轮中。
روھ نەگە ماڭ دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ روھى [روھقا] ئەگىشىپ ماڭاتتى. چاقلار ئۇلار بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلىرىدا ئىدى.
21 那些行走,这些也行走;那些站住,这些也站住;那些从地上升,轮也在旁边上升,因为活物的灵在轮中。
مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ماڭاتتى؛ مەخلۇقلار توختىغاندا، چاقلارمۇ توختايتتى؛ ئۇلار يەردىن كۆتۈرۈلگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى.
22 活物的头以上有穹苍的形象,看着像可畏的水晶,铺张在活物的头以上。
ھايات مەخلۇقلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدە بىر يوغان كۆز يەتكۈسىز گۈمبەزگە ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇراتتى؛ ئۇ خرۇستالدەك دەھشەتلىك پارقىراپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە يېيىلىپ تۇراتتى.
23 穹苍以下,活物的翅膀直张,彼此相对;每活物有两个翅膀遮体。
بۇ گۈمبەزدەك نەرسىنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ قاناتلىرى كېرىلىپ، بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى؛ ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆز تېنىنىڭ ئىككى يېنىنى ياپىدىغان ئىككىدىن قانىتى بار ئىدى.
24 活物行走的时候,我听见翅膀的响声,像大水的声音,像全能者的声音,也像军队哄嚷的声音。活物站住的时候,便将翅膀垂下。
ئۇلار ماڭغاندا، مەن قاناتلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم ــ ئۇ ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك، ھەممىگە قادىرنىڭ ئاۋازىدەك ــ قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرەن-شاۋقۇنلىرىنىڭ ساداسىدەك ئىدى؛ ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى.
25 在他们头以上的穹苍之上有声音。他们站住的时候,便将翅膀垂下。
ۋە ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى.
26 在他们头以上的穹苍之上有宝座的形象,仿佛蓝宝石;在宝座形象以上有仿佛人的形状。
ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدە، كۆك ياقۇت كەبى بىر تەختنىڭ سىيماسى تۇراتتى؛ بۇ تەخت سىيماسىنىڭ ئۈستىدە، تولىمۇ يۇقىرىدا، ئىنسان قىياپىتىدە كۆرۈنگەن بىر زات تۇراتتى.
27 我见从他腰以上有仿佛光耀的精金,周围都有火的形状,又见从他腰以下有仿佛火的形状,周围也有光辉。
ۋە مەن بۇ زاتنى بېلىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ تۇرقى مىستەك پارقىرغان، ئەتراپىنى ئوت ئوراپ تۇرغان قىياپەتتىكى بىر كۆرۈنۈشتە كۆردۈم؛ ۋە بېلىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ تۇرقى، ئوتنىڭ قىياپىتىدە ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك يورۇقلۇق تۇراتتى.
28 下雨的日子,云中虹的形状怎样,周围光辉的形状也是怎样。 这就是耶和华荣耀的形象。我一看见就俯伏在地,又听见一位说话的声音。
بۇ ئەتراپىدا تۇرغان كۈچلۈك يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا، يامغۇرلۇق كۈنىدىكى بۇلۇتتا پەيدا بولغان ھەسەن-ھۆسەننىڭ كۆرۈنۈشىدەك ئىدى. بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ قىياپىتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇنى كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم؛ ۋە مەن سۆزلەۋاتقان بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.

< 以西结书 1 >