< 创世记 42 >

1 雅各见埃及有粮,就对儿子们说:“你们为什么彼此观望呢?
ئەمدى ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى بىلگىنىدە ئوغۇللىرىغا: ــ نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ تۇرىسىلەر؟ ــ دېدى.
2 我听见埃及有粮,你们可以下去,从那里为我们籴些来,使我们可以存活,不至于死。”
ئاندىن يەنە: ــ ماڭا قاراڭلار، ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئۇ يەرگە بېرىپ، ئاندىن شۇ يەردىن بىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك قالىمىز، ــ دېدى.
3 于是,约瑟的十个哥哥都下埃及籴粮去了。
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا يولغا چىقتى.
4 但约瑟的兄弟便雅悯,雅各没有打发他和哥哥们同去,因为雅各说:“恐怕他遭害。”
لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنى ئاكىلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتمىدى.
5 来籴粮的人中有以色列的儿子们,因为迦南地也有饥荒。
شۇنىڭدەك ئاچارچىلىق قانائان زېمىنىدىمۇ يۈز بەرگەچكە، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بار ئىدى.
6 当时治理埃及地的是约瑟;粜粮给那地众民的就是他。约瑟的哥哥们来了,脸伏于地,向他下拜。
يۈسۈپ زېمىننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، يۇرتنىڭ بارلىق خەلقىگە ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچى شۇ ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى.
7 约瑟看见他哥哥们,就认得他们,却装作生人,向他们说些严厉话,问他们说:“你们从哪里来?”他们说:“我们从迦南地来籴粮。”
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا ئۇلارنى تونۇدى؛ لېكىن ئۇ تونۇشلۇق بەرمەي، ئۇلارغا قوپال تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ: ــ قەيەردىن كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: ــ قانائان زېمىنىدىن ئاشلىق ئالغىلى كەلدۇق، ــ دېدى.
8 约瑟认得他哥哥们,他们却不认得他。
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى.
9 约瑟想起从前所做的那两个梦,就对他们说:“你们是奸细,来窥探这地的虚实。”
يۈسۈپ ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر جاسۇس، بۇ ئەلنىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆزەتكىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى.
10 他们对他说:“我主啊,不是的。仆人们是籴粮来的。
ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي خوجام، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى!
11 我们都是一个人的儿子,是诚实人;仆人们并不是奸细。”
بىز ھەممىمىز بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى، سەمىمىي ئادەملەرمىز. كەمىنىلىرى جاسۇس ئەمەس! ــ دېدى.
12 约瑟说:“不然,你们必是窥探这地的虚实来的。”
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى زېمىننىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆرگىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى.
13 他们说:“仆人们本是弟兄十二人,是迦南地一个人的儿子,顶小的现今在我们的父亲那里,有一个没有了。”
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئەسلىدە ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق؛ بىز ھەممىمىز قانائان زېمىنىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز؛ لېكىن كەنجى ئىنىمىز ئاتىمىزنىڭ قېشىدا قېلىپ قالدى؛ يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى، ــ دېدى.
14 约瑟说:“我才说你们是奸细,这话实在不错。
ئەمما يۈسۈپ ئۇلارغا يەنە: ــ مانا مەن دەل سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، جاسۇس ئىكەنسىلەر!
15 我指着法老的性命起誓,若是你们的小兄弟不到这里来,你们就不得出这地方,从此就可以把你们证验出来了。
پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە سىلەر بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمەيسىلەر؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن سىنىلىسىلەر.
16 须要打发你们中间一个人去,把你们的兄弟带来。至于你们,都要囚在这里,好证验你们的话真不真,若不真,我指着法老的性命起誓,你们一定是奸细。”
ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلگىلى بىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، قالغانلىرىڭلار بولسا سولاپ قويۇلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ؛ بولمىسا، پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەزمەن جاسۇس! ــ دېدى.
17 于是约瑟把他们都下在监里三天。
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى ئۈچ كۈنگىچە سولاپ قويدى.
18 到第三天,约瑟对他们说:“我是敬畏 神的;你们照我的话行就可以存活。
ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن خۇدادىن قورقىدىغان ئادەممەن؛ تىرىك قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلىڭلار: ــ
19 你们如果是诚实人,可以留你们中间的一个人囚在监里,但你们可以带着粮食回去,救你们家里的饥荒。
ئەگەر سەمىمىي ئادەملەر بولساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى سىلەر سولانغان گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرىۋەرسۇن، قالغىنىڭلار ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛
20 把你们的小兄弟带到我这里来,如此,你们的话便有证据,你们也不至于死。”他们就照样而行。
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىرىڭلار ئىسپاتلانسا، ئۆلمەيسىلەر!، ــ دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىدىغان بولدى.
21 他们彼此说:“我们在兄弟身上实在有罪。他哀求我们的时候,我们见他心里的愁苦,却不肯听,所以这场苦难临到我们身上。”
ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى.
22 吕便说:“我岂不是对你们说过,不可伤害那孩子吗?只是你们不肯听,所以流他血的罪向我们追讨。”
رۇبەن ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەرگە: بالىغا زۇلۇم قىلماڭلار، دېگەن ئەمەسمىدىم؟ لېكىن ئۇنىمىدىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنىڭ قان قەرزى بىزدىن سورىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
23 他们不知道约瑟听得出来,因为在他们中间用通事传话。
ئەمما يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەچكە، ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆز گەپلىرىنى ئۇقۇپ تۇرۇۋاتقىنىنى بىلمىدى.
24 约瑟转身退去,哭了一场,又回来对他们说话,就从他们中间挑出西缅来,在他们眼前把他捆绑。
ئۇ ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ قېشىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇلارغا يەنە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىمېئوننى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باغلىدى.
25 约瑟吩咐人把粮食装满他们的器具,把各人的银子归还在各人的口袋里,又给他们路上用的食物,人就照他的话办了。
ئاندىن يۈسۈپ ئەمر چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ھەر بىرسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ تاغىرىغا سېلىپ قويۇپ، سەپەر ھازىرلىقلىرىمۇ بېرىلسۇن دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلارغا شۇنداق قىلىندى.
26 他们就把粮食驮在驴上,离开那里去了。
شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئېشەكلىرىگە ئاشلىقلىرىنى ئارتىپ، شۇ يەردىن كەتتى.
27 到了住宿的地方,他们中间有一个人打开口袋,要拿料喂驴,才看见自己的银子仍在口袋里,
ئەمما ئۆتەڭگە كەلگەندە ئۇلاردىن بىرى ئېشىكىگە يەم بەرگىلى تاغىرىنى ئېچىۋىدى، مانا، ئۆز پۇلى تاغارنىڭ ئاغزىدا تۇراتتى.
28 就对弟兄们说:“我的银子归还了,看哪,仍在我口袋里!”他们就提心吊胆,战战兢兢地彼此说:“这是 神向我们做什么呢?”
ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ــ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا ئۇ تاغىرىمدا تۇرىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، تىترىشىپ بىر-بىرىگە: ــ بۇ خۇدانىڭ بىزگە زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
29 他们来到迦南地、他们的父亲雅各那里,将所遭遇的事都告诉他,说:
ئۇلار قانائان زېمىنىغا، ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ:
30 “那地的主对我们说严厉的话,把我们当作窥探那地的奸细。
ــ ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە قوپال گەپ قىلدى، بىزگە زېمىننى پايلىغۇچى جاسۇستەك مۇئامىلە قىلدى؛
31 我们对他说:‘我们是诚实人,并不是奸细。
ئەمدى بىز ئۇنىڭغا: «بىز بولساق سەمىمىي ئادەملەرمىز، جاسۇس ئەمەسمىز.
32 我们本是弟兄十二人,都是一个父亲的儿子,有一个没有了,顶小的如今同我们的父亲在迦南地。’
بىز بىر ئاتىدىن بولغان ئوغۇللار بولۇپ، ئون ئىككى ئاكا-ئۇكا ئىدۇق؛ بىرى يوقاپ كەتتى، كىچىك ئىنىمىز ھازىر قانائان زېمىنىدا ئاتىمىزنىڭ يېنىدا قالدى» دېسەك،
33 那地的主对我们说:‘若要我知道你们是诚实人,可以留下你们中间的一个人在我这里,你们可以带着粮食回去,救你们家里的饥荒。
ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىم ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بىرىنى مېنىڭ يېنىمدا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئاچ قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛
34 把你们的小兄弟带到我这里来,我便知道你们不是奸细,乃是诚实人。这样,我就把你们的弟兄交给你们,你们也可以在这地做买卖。’”
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەملەر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلەلەيمەن. ئاندىن قېرىندىشىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن ۋە سىلەر زېمىندا سودا-سېتىق قىلساڭلار بولىدۇ» ــ دېدى.
35 后来他们倒口袋,不料,各人的银包都在口袋里;他们和父亲看见银包就都害怕。
ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تاغارلىرىنى تۆككەندە، مانا ھەربىرىنىڭ پۇلدىنى ئۆز تاغارلىرىدا تۇراتتى! ئۇلار ۋە ئاتىسى ئۆزلىرىنىڭ چىگىكلىك پۇللىرىنى كۆرگەندە، قورقۇپ قېلىشتى.
36 他们的父亲雅各对他们说:“你们使我丧失我的儿子:约瑟没有了,西缅也没有了,你们又要将便雅悯带去;这些事都归到我身上了。”
ئاتىسى ياقۇپ ئۇلارغا: ــ مېنى ئوغلۇمدىن جۇدا قىلدىڭلار! يۈسۈپ يوق بولدى، شىمېئونمۇ يوق، ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر! مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كەلدى! ــ دېدى.
37 吕便对他父亲说:“我若不带他回来交给你,你可以杀我的两个儿子。只管把他交在我手里,我必带他回来交给你。”
رۇبەن ئاتىسىغا: ــ ئەگەر مەن بىنيامىننى قېشىڭغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغىن؛ مەن ئۇنى قېشىڭغا ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن، ــ دېدى.
38 雅各说:“我的儿子不可与你们一同下去;他哥哥死了,只剩下他,他若在你们所行的路上遭害,那便是你们使我白发苍苍、悲悲惨惨地下阴间去了。” (Sheol h7585)
لېكىن ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى. مۇبادا يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر، ــ دېدى. (Sheol h7585)

< 创世记 42 >