< 诗篇 102 >

1 困苦人发昏的时候,在耶和华面前吐露苦情的祷告。 耶和华啊,求你听我的祷告, 容我的呼求达到你面前!
ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى: ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد-پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە: ــ دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن!
2 我在急难的日子,求你向我侧耳; 不要向我掩面! 我呼求的日子,求你快快应允我!
يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛ قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن!
3 因为,我的年日如烟云消灭; 我的骨头如火把烧着。
مانا، كۈنلىرىم ئىس-تۈتەكتەك تۈگەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىم ئوتۇن-چوغلارغا ئوخشاش كۆيدى!
4 我的心被伤,如草枯干, 甚至我忘记吃饭。
يۈرىكىم زەخمە يەپ چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتى، ھەتتا نېنىمنى يېيىشنى ئۇنتۇدۇم.
5 因我唉哼的声音, 我的肉紧贴骨头。
مەن ئاھۇ-زار تارتقانلىقىمدىن، ئەتلىرىم سۈڭەكلىرىمگە چاپلىشىپ قالدى.
6 我如同旷野的鹈鹕; 我好像荒场的鸮鸟。
چۆل-باياۋاندىكى ساقىيقۇشتەك، ۋەيرانچىلىقتا قونۇپ يۈرگەن ھۇۋقۇشقا ئوخشايمەن.
7 我警醒不睡; 我像房顶上孤单的麻雀。
ئۇخلىماي سەگەك تۇرۇپ كۆزەتتىمەن؛ ئۆگزىدە يالغۇز قالغان قۇشقاچ كەبىمەن.
8 我的仇敌终日辱骂我; 向我猖狂的人指着我赌咒。
دۈشمەنلىرىم كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلماقتا، مېنى ھاقارەتلىگەنلەر ئىسمىمنى لەنەت ئورنىدا ئىشلەتمەكتە.
9 我吃过炉灰,如同吃饭; 我所喝的与眼泪搀杂。
قەھرىڭ ھەم ئاچچىقىڭ تۈپەيلىدىن، كۈلنى نان دەپ يەۋاتىمەن، ئىچىملىكىمنى كۆز يېشىم بىلەن ئارىلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى سەن مېنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن يەرگە ئۇردۇڭ.
10 这都因你的恼恨和忿怒; 你把我拾起来,又把我摔下去。
11 我的年日如日影偏斜; 我也如草枯干。
كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى، ئۆزۈم بولسام چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتىم.
12 惟你—耶和华必存到永远; 你可记念的名也存到万代。
لېكىن سەن، پەرۋەردىگار، ئەبەدىي تۇرىسەن، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر.
13 你必起来怜恤锡安, 因现在是可怜她的时候, 日期已经到了。
سەن ئورنۇڭدىن تۇرىسەن، زىئونغا رەھىم قىلىسەن؛ چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى، ھە، ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى!
14 你的仆人原来喜悦她的石头, 可怜她的尘土。
چۈنكى قۇللىرىڭ ئۇنىڭ تاشلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپىدۇ، ھەم تۇپرىقىغىمۇ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛
15 列国要敬畏耶和华的名; 世上诸王都敬畏你的荣耀。
ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، يەر يۈزىدىكى شاھلار شان-شەرىپىڭدىن ئەيمىنىدۇ.
16 因为耶和华建造了锡安, 在他荣耀里显现。
مانا، پەرۋەردىگار زىئوننى قايتىدىن قۇرغاندا، ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدە كۆرۈنىدۇ!
17 他垂听穷人的祷告, 并不藐视他们的祈求。
ئۇ غېرىب-مىسكىننىڭ دۇئاسىغا ئېتىبار بېرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز كەمسىتمەيدۇ.
18 这必为后代的人记下, 将来受造的民要赞美耶和华。
بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ؛
19 因为,他从至高的圣所垂看; 耶和华从天向地观察,
چۈنكى ئۇ ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاي دەپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ئازاد قىلاي دەپ، ئېگىزدىكى مۇقەددەس جايىدىن ئېڭىشىپ نەزەر سالدى، ئەرشلەردىن پەرۋەردىگار يەرگە قارىدى؛
20 要垂听被囚之人的叹息, 要释放将要死的人,
21 使人在锡安传扬耶和华的名, 在耶路撒冷传扬赞美他的话,
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولايلى دېگەندە، يەنى ئەل-مەملىكەتلەر جەم يىغىلغان ۋاقتىدا ــ پەرۋەردىگارنىڭ نامى زىئوندا، ئۇنىڭ شەرەپلىرى يېرۇسالېمدا جاكارلىنىدۇ!
22 就是在万民和列国 聚会事奉耶和华的时候。
23 他使我的力量中道衰弱, 使我的年日短少。
بىراق ئۇ مېنى يولدا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ، كۈنلىرىمنى قىسقارتتى.
24 我说:我的 神啊, 不要使我中年去世。 你的年数世世无穷!
مەن: «تەڭرىم، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا مېنى ئېلىپ كەتمە!» ــ دېدىم. ــ «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر،
25 你起初立了地的根基; 天也是你手所造的。
سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن، ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛
26 天地都要灭没,你却要长存; 天地都要如外衣渐渐旧了。 你要将天地如里衣更换, 天地就都改变了。
ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ.
27 惟有你永不改变; 你的年数没有穷尽。
بىراق سەن ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر.
28 你仆人的子孙要长存; 他们的后裔要坚立在你面前。
قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھۇزۇرىڭدا مەزمۇت ياشايدۇ!».

< 诗篇 102 >