< 诗篇 76 >

1 亚萨的诗歌,交与伶长。用丝弦的乐器。 在犹大, 神为人所认识; 在以色列,他的名为大。
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر.
2 在撒冷有他的帐幕; 在锡安有他的居所。
ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا، زىئون تېغىدا ئۇنىڭ ماكانى بار.
3 他在那里折断弓上的火箭, 并盾牌、刀剑,和争战的兵器。 (细拉)
ئۇ يەردە ئۇ ئوتلۇق ئوقلارنى، قالقان، قىلىچ ھەم جەڭ قوراللىرىنى چېقىپ تاشلىدى. سېلاھ.
4 你从有野食之山而来, 有光华和荣美。
ئۆزۈڭ ئوۋ-ئولجا تاغلىرىدىن نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر ئەلاسەن!
5 心中勇敢的人都被抢夺; 他们睡了长觉,没有一个英雄能措手。
باتۇرلار بۇلاندى؛ ئۇلار ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتتى؛ پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى.
6 雅各的 神啊,你的斥责一发, 坐车的、骑马的都沉睡了。
سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى.
7 惟独你是可畏的! 你怒气一发,谁能在你面前站得住呢?
سەندىن، سەندىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ غەزەپلەنگىنىڭدە كىم ئالدىڭدا تۇرالىسۇن؟
8 你从天上使人听判断。 神起来施行审判, 要救地上一切谦卑的人; 那时地就惧怕而静默。 (细拉)
يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەن خۇدا سوراق قىلىشقا ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا، ئاسماندىن ھۆكۈمنى چىقىرىپ ئاڭلاتقۇزدۇڭ؛ يەر بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈپ، سۈكۈت قىلدى. سېلاھ.
9
10 人的忿怒要成全你的荣美; 人的余怒,你要禁止。
چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ.
11 你们许愿,当向耶和华—你们的 神还愿; 在他四面的人都当拿贡物献给那可畏的主。
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتىكىلەر قورقۇشى كېرەك بولغۇچىغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن؛
12 他要挫折王子的骄气; 他向地上的君王显威可畏。
ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرىدۇ؛ ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىكتۇر.

< 诗篇 76 >