< 2 Chronicles 12 >

1 When the kingdom of Rehoboam was established and he was strong, he abandoned the LORD’s law, and all Israel with him.
رەھوبوئامنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەم بولغاندا، شۇنداقلا كۈچەيگەندە، شۇنداق بولدىكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-ئەھكاملىرىنى تەرك قىلدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتتى.
2 In the fifth year of King Rehoboam, Shishak king of Egypt came up against Jerusalem, because they had trespassed against the LORD,
ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنى تۈپەيلىدىن، رەھوبوئام سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قوزغىدى.
3 with twelve hundred chariots and sixty thousand horsemen. The people were without number who came with him out of Egypt: the Lubim, the Sukkiim, and the Ethiopians.
شىشاك بىر مىڭ ئىككى يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئاتمىش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى؛ ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە مىسىردىن ئېلىپ چىققان لەشكەرلەر، جۈملىدىن لىۋىيەلىكلەر، سۇككىيلەر ۋە ئېفىئوپىيلەر سان-ساناقسىز ئىدى.
4 He took the fortified cities which belonged to Judah, and came to Jerusalem.
ئۇ يەھۇداغا تەۋە بولغان قورغانلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى.
5 Now Shemaiah the prophet came to Rehoboam and to the princes of Judah, who were gathered together to Jerusalem because of Shishak, and said to them, “The LORD says, ‘You have forsaken me, therefore I have also left you in the hand of Shishak.’”
بۇ چاغدا شىشاك سەۋەبىدىن يەھۇدا ئەمەلدارلىرى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقانىدى؛ شىمايا پەيغەمبەر رەھوبوئام ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭلار ئۈچۈن، مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ شىشاكنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم» دەيدۇ، دېدى.
6 Then the princes of Israel and the king humbled themselves; and they said, “The LORD is righteous.”
شۇنى ئاڭلاپ، ئىسرائىل ئەمەلدارلىرى بىلەن پادىشاھ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، دېيىشتى.
7 When the LORD saw that they humbled themselves, the LORD’s word came to Shemaiah, saying, “They have humbled themselves. I will not destroy them, but I will grant them some deliverance, and my wrath won’t be poured out on Jerusalem by the hand of Shishak.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شىماياغا يېتىپ كېلىپ: ــ«ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلماي، بەلكى ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن ۋە مېنىڭ قايناپ تۇرغان غەزىپىم شىشاكنىڭ قولى بىلەن يېرۇسالېمغا تۆكۈلمەيدۇ.
8 Nevertheless they will be his servants, that they may know my service, and the service of the kingdoms of the countries.”
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ماڭا بېقىنىش بىلەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا بېقىنىشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار شىشاكقا بېقىندى بولىدۇ» ــ دېيىلدى.
9 So Shishak king of Egypt came up against Jerusalem and took away the treasures of the LORD’s house and the treasures of the king’s house. He took it all away. He also took away the shields of gold which Solomon had made.
شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنە-بايلىقلار بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنە-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپار-قالقانلارنى قويماي ئېلىپ كەتتى.
10 King Rehoboam made shields of bronze in their place, and committed them to the hands of the captains of the guard, who kept the door of the king’s house.
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
11 As often as the king entered into the LORD’s house, the guard came and bore them, then brought them back into the guard room.
پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ قالقانلارنى ئېلىپ تۇتۇپ تۇراتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكېلىپ قويۇشاتتى.
12 When he humbled himself, the LORD’s wrath turned from him, so as not to destroy him altogether. Moreover, there were good things found in Judah.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنى تۆۋەن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇنىڭدىن يېنىپ، ئۇنى تامامەن يوقىتىۋەتمىدى؛ يەھۇدادىكىلەر ئىچىدىمۇ ئاز-تولا ياخشى ئىشلار تېپىلدى.
13 So King Rehoboam strengthened himself in Jerusalem and reigned; for Rehoboam was forty-one years old when he began to reign, and he reigned seventeen years in Jerusalem, the city which the LORD had chosen out of all the tribes of Israel to put his name there. His mother’s name was Naamah the Ammonitess.
پادىشاھ رەھوبوئام يېرۇسالېمدا ئاستا-ئاستا قۇدرەت تېپىپ، ئۆز سەلتەنىتىنى سۈرەتتى. رەھوبوئام تەختكە چىققان چېغىدا قىرىق بىر ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەردە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. رەھوبوئامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئۇ ئاممونىي ئىدى.
14 He did that which was evil, because he didn’t set his heart to seek the LORD.
رەھوبوئام كۆڭلىدە پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەزىللىك قىلدى.
15 Now the acts of Rehoboam, first and last, aren’t they written in the histories of Shemaiah the prophet and of Iddo the seer, in the genealogies? There were wars between Rehoboam and Jeroboam continually.
رەھوبوئامنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە نەسەب خاتىرىلىرىدىكى «شىمايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى» ۋە «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددونىڭ سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشلار توختىماي بولۇپ تۇراتتى.
16 Rehoboam slept with his fathers, and was buried in David’s city; and Abijah his son reigned in his place.
رەھوبوئام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

< 2 Chronicles 12 >