< 3 Mose 22 >

1 Und der Herr redete zu Moses also.-
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 "Sag dem Aaron und seinen Söhnen, sie sollen wegen der heiligen Gaben der Israeliten enthaltsam sein, auf daß sie meinen heiligen Namen nicht entweihen, wenn sie mir, dem Herrn, Gaben weihen!
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار، بولمىسا ئۇلار نامىمنى بۇلغىشى مۇمكىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».
3 Sprich zu ihnen: 'Für eure Geschlechter! Wer von all euren Nachkommen je den heiligen Gaben naht, die dem Herrn die Israeliten weihen, solange an ihm Unreinheit ist, diese Person werde vor meinem Angesichte weggestrichen! Ich bin der Herr.
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ھەربىر دەۋرلەردە، بارلىق نەسىللىڭلاردىن ھەرقايسىسى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتىغان پاك نەرسىلەرگە ناپاك ھالەتتە يېقىنلاشسا، ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
4 Wer von dem Aaronsstamm aussätzig oder flüssig ist, soll nichts von den heiligen Gaben essen, bis er wieder rein ist! Wer einen, der durch eine Leiche unrein ward, berührt, oder wem der Same entgeht,
ھارۇننىڭ نەسلىدىن بىرى پېسە-ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىركىم ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىركىمگە ۋە ياكى مەنىيسى ئېقىپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە،
5 wer ein Gewürm berührt, wodurch man unrein wird, oder einen Menschen, an dem man unrein wird durch irgendeine Unreinheit an ihm,
ياكى ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، (ناپاكلىقى نېمىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)
6 diese Person, die das berührt, sei bis zum Abend unrein! Sie soll nichts von heiligen Gaben essen, bevor sie ihren Leib gebadet hat!
مۇنداق نەرسىلەرگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك بولۇپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ئۇ بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن
7 Sobald die Sonne untergeht, ist er rein. Hernach mag er von heiligen Gaben essen. Denn das ist sein Brot.
ئاندىن كۈن ئولتۇرغاندا پاك سانىلىپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئوزۇقىدۇر.
8 Gefallenes und Zerrissenes darf er nicht essen, daß er nicht dadurch unrein werde. Ich bin der Herr.
ئۇ [ئۆزلۈكىدىن] ئۆلگەن ۋە ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننى يېيىش بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
9 Sie sollen meine Vorschrift befolgen, daß sie nicht deswegen Sünde auf sich laden; sie würden sterben, wenn sie es entweihen. Ich bin es, der Herr, der sie heiligt.
ئۇلار مېنىڭ بۇ تاپىلىغانلىرىمنى تۇتۇشى كېرەك؛ بولمىسا، بۇنىڭغا ئىخلاسسىزلىق قىلسا، [شۇ ئۆلۈك] تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولۇپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن.
10 Kein Unbefugter darf Heiliges genießen. Der Beisaß des Priesters und der Lohndiener dürfen nichts Heiliges essen.
كاھىنلارغا يات بولغان ھېچقانداق كىشى مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ يېنىدىكى مۇساپىر-مېھمان ۋە ياكى مەدىكارى بولسۇن ئۇلارمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن.
11 Erwirbt ein Priester für Geld einen Sklaven, so darf er mitessen, ebenso ein Hausgeborener. Sie dürfen von seiner Speise essen.
ھالبۇكى، كاھىن ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان قۇل ئۇنىڭدىن يېيىشكە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كىشىمۇ ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.
12 Aber eine Priestertochter, die einen Nichtpriester geheiratet hat, darf von der Weihegabe der heiligen Gaben nichts genießen.
كاھىننىڭ قىزى يات كىشىگە تەگكەن بولسا ئۇمۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن.
13 Dagegen eine Priestertochter, die Witwe ist oder verstoßen und kinderlos und wieder in ihr Vaterhaus zurückkehrt, wie in der ledigen Zeit, darf von der Speise ihres Vaters essen. Ein Unzugehöriger darf aber nicht davon essen.
لېكىن ئەگەر كاھىننىڭ قىزى تۇل بولۇپ قېلىپ، ياكى قويۇپ بېرىلىپ پەرزەنتسىز ھالەتتە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ، ياش ۋاقتىدىكىدەك ئولتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتىسىنىڭ تائامىدىن يېيەلەيدۇ؛ لېكىن ھېچبىر يات كىشى ئۇنىڭدىن يېمەسلىكى كېرەك.
14 Wenn jemand aus Versehen Geheiligtes ißt, so lege er ein Fünftel des Betrages darauf und gebe es dem Priester samt der heiligen Gabe!
ئەگەر بىركىم بىلمەي، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يەپ سالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭغا شۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ، مۇقەددەس نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن كاھىنغا قايتۇرۇپ بەرسۇن.
15 Sie sollen nicht entweihen der Israeliten heilige Gaben, die sie dem Herrn als Weihegabe darbringen!
[كاھىنلار] ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلىرىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛
16 Sonst würden sie ihnen Schuldverfehlungen aufladen, wenn sie ihre heiligen Gaben essen. Denn ich, der Herr, bin es, der sie heiligt.'"
بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن».
17 Und der Herr sprach zu Moses:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
18 "Sprich zu Aaron, seinen Söhnen und zu allen Israeliten und sage zu ihnen: 'Bringt vom Hause Israels oder von den Fremdlingen in Israel jemand sein Opfer dar, sei es versprochen oder freiwillig, das er dem Herrn als Brandopfer darbringen will,
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا،
19 so sei es zu eurer Begnadigung ein fehlerloses männliches Tier von Rindern, Lämmern oder Ziegen!
ئۇنداقتا ئۇ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم ئەركەك كالا، قوي ياكى ئۆچكىلەردىن كەلتۈرۈڭلار.
20 Was einen Makel an sich hat, dürft ihr nicht darbringen. Es würde euch nicht zur Begnadigung sein.
ئەيىبى بولمىغان بىر جانىۋارنى سۇنۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى شۇنداق بولغىنى سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس.
21 Will jemand dem Herrn ein Dankopfer darbringen, als besonderes Opfer für Gelobtes oder als freiwillige Gabe von Rindern oder Schafen, so sei es für die Begnadigung fehlerlos! Keinen Makel darf es an sich haben.
بىرسى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق مالدىن ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلماقچى بولسا، سۇنۇلغان ھايۋان قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى بولمىسۇن.
22 Was blind ist oder gebrochen oder verstümmelt oder geschwürig oder krätzig oder grindig, das dürft ihr dem Herrn nicht darbringen und nicht als Mahl für den Herrn auf den Altar legen.
كور ياكى ئاقساق-چولاق، چوناق ياكى يارىسى يىرىڭداپ كەتكەن، تەمرەتكە باسقان ياكى قوتۇر-چاقا بېسىپ قالغان ھايۋانلار بولسا ــ بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنساڭلار ياكى بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ.
23 Ein Rind oder ein Schaf, überdeckt oder verkrüppelt, darfst du als freie Gabe herrichten. Aber als Gelübdeopfer wird es nicht angerechnet.
تورپاق ياكى قوينىڭ مەلۇم جۈپ ئەزاسىدىن بىرى ئۇزۇنراق يا قىسقا بولسا، مۇنداقلارنى ئىختىيارىي قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن قەسەمگە باغلىق بولسا قۇربانلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس.
24 Zerquetschtes oder Zerstoßenes oder Abgerissenes oder Verschnittenes dürft ihr dem Herrn nicht darbringen. Ihr dürft in eurem Lande solches nicht machen.
ئۇرۇقدىنى زەخىملەنگەن، ئېزىلىپ كەتكەن، يېرىلغان ياكى پىچىلغان ھايۋاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. مۇنداق ئىشنى ئۆز زېمىنىڭلاردىمۇ ھەرگىز قىلماڭلار.
25 Auch von Ausländern dürft ihr nichts von alledem als Speise eures Gottes darbringen. Ihr Verderb ist an ihnen. Gebrest ist daran. Solches wird euch nicht angerechnet.'"
خۇدايىڭلارنىڭ نېنى سۈپىتىدە ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ قولىدىن شۇنداق ھايۋانلاردىن ھېچقايسىسىنى ئېلىپ سۇنماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېيىپ بولغاچقا، سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ.
26 Und der Herr redete zu Moses also:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
27 "Wenn ein Rind, ein Lamm oder ein Zicklein geworfen wird, soll es sieben Tage unter seiner Mutter sein! Vom achten Tage ab und weiterhin kann es als Opfer, als Mahl für den Herrn, angesehen werden.
بىر موزاي، قوزا ياكى ئوغلاق تۇغۇلسا يەتتە كۈنگىچە ئانىسىنى ئەمسۇن؛ سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قوبۇل بولۇشقا يارايدۇ.
28 Ihr dürft weder Rind noch Schaf an einem Tag mit seinem Jungen schlachten.
مەيلى كالا بولسۇن، قوي بولسۇن، سىلەر ئانىسى بىلەن بالىسىنى بىر كۈندە بوغۇزلىماڭلار.
29 Wollt ihr dem Herrn ein Lobesopfer opfern, so sollt ihr es zu eurer Begnadigung opfern!
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تەشەككۈر قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولغان يول بىلەن سۇنۇڭلار.
30 Am selben Tage noch werde es gegessen! Ihr dürft davon nichts bis zum Morgen übriglassen! Ich bin der Herr.
ئۇ سۇنۇلغان كۈنىدە يېيىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ئەتىسىگە قالدۇرماسلىقىڭلار كېرەك. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
31 Beachtet meine Vorschriften! Tut sie! Ich bin der Herr.
سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
32 Ihr sollt nicht meinen heiligen Namen entweihen! Ich will geheiligt sein bei den Söhnen Israels. Ich, der Herr, bin es, der euch heiligt,
مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار، مەن ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس دەپ بىلىنىمەن. مەن سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار بولۇپ،
33 der euch aus dem Ägypterland geführt, um euch Gott zu sein. Ich bin der Herr."
خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلدىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

< 3 Mose 22 >