< הושע 8 >

אל חכך שפר כנשר על בית יהוה--יען עברו בריתי ועל תורתי פשעו 1
كاناينى ئاغزىڭغا سالغىن! پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان، تەۋرات-قانۇنۇمغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان.
לי יזעקו אלהי ידענוך ישראל 2
ئۇلار ماڭا: «ئى خۇدايىم، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز!» دەپ ۋارقىرايدۇ.
זנח ישראל טוב אויב ירדפו 3
ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن؛ شۇڭا دۈشمەن ئۇنى قوغلايدۇ.
הם המליכו ולא ממני השירו ולא ידעתי כספם וזהבם עשו להם עצבים למען יכרת 4
ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛ ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛ ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان.
זנח עגלך שמרון חרה אפי בם עד מתי לא יוכלו נקין 5
ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى! مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا قوزغالدى؛ ئۇلار قاچانغىچە پاكلىقتىن يىراق تۇرىدۇ؟
כי מישראל והוא--חרש עשהו ולא אלהים הוא כי שבבים יהיה עגל שמרון 6
شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛ سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ!
כי רוח יזרעו וסופתה יקצרו קמה אין לו צמח בלי יעשה קמח--אולי יעשה זרים יבלעהו 7
چۈنكى ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ! ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى.
נבלע ישראל עתה היו בגוים ככלי אין חפץ בו 8
ئىسرائىل يۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار يات ئەللەر ئارىسىدا يارىماس بىر قاچا بولۇپ قالدى؛
כי המה עלו אשור פרא בודד לו אפרים התנו אהבים 9
چۈنكى ئۇلار يالغۇز يۈرگەن ياۋايى ئېشەكتەك ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ چىقتى؛ ئەفرائىم «ئاشنا»لارنى ياللىۋالدى.
גם כי יתנו בגוים עתה אקבצם ויחלו מעט ממשא מלך שרים 10
گەرچە ئۇلار ئەللەر ئارىسىدىن «ياللىۋالغان» بولسىمۇ، ئەمدى مەن ئۇلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىمەن؛ ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ.
כי הרבה אפרים מזבחות לחטא היו לו מזבחות לחטא 11
ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى.
אכתוב (אכתב) לו--רבו (רבי) תורתי כמו זר נחשבו 12
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنۇمدا كۆپ تەرەپلىمە نەرسىلەرنى يازغان بولساممۇ، ئۇلار يات بىر نەرسە دەپ ھېسابلانماقتا.
זבחי הבהבי יזבחו בשר ויאכלו--יהוה לא רצם עתה יזכר עונם ויפקד חטאותם--המה מצרים ישובו 13
ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ، بىراق پەرۋەردىگار بۇلاردىن ھېچ خۇرسەنلىك ئالمايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ھازىر ئېسىگە كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ!
וישכח ישראל את עשהו ויבן היכלות ויהודה הרבה ערים בצרות ושלחתי אש בעריו ואכלה ארמנתיה 14
چۈنكى ئىسرائىل ئۆز ياسىغۇچىسىنى ئۇنتۇپ، «ئىبادەتخانا»لارنى قۇرىدۇ؛ يەھۇدا بولسا ئىستىھكاملاشتۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆپەيتكەن؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بۇلارنىڭ قەلئە-ئوردىلىرىنى يەپ كېتىدۇ.

< הושע 8 >