< Ezechiele 26 >

1 Ed avvenne, nell'anno undecimo, nel primo [giorno] del mese, che la parola del Signore mi fu [indirizzata], dicendo:
ئون بىرىنچى يىلى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Figliuol d'uomo, perciocchè Tiro ha detto di Gerusalemme: Eia! [quella che era] la porta de' popoli è ruinata, ella è rivolta a me; io mi empierò, ella è deserta;
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ يېرۇسالېم توغرۇلۇق: «ۋاھ! ياخشى بولدى! ئەللەرنىڭ دەرۋازىسى بولغۇچى ۋەيران بولدى! ئۇ ماڭا قاراپ قايرىلىپ ئېچىلدى؛ ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن ئۆزۈمنى تويغۇزىمەن!» دېگىنى تۈپەيلىدىن،
3 perciò, così ha detto il Signore Iddio: Eccomi contro a te, o Tiro;
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى تۇر، مەن ساڭا قارشىمەن، دېڭىز دولقۇنلارنى قوزغىغاندەك، كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن قارشىلىشقا قوزغايمەن؛
4 e farò salir contro a te molte genti, come il mare fa salir le sue onde. E quelle guasteranno le mura di Tiro, e diroccheranno le sue torri; ed io ne raschierò la polvere, e la renderò simile ad un sasso ignudo.
ئۇلار تۇرنىڭ سېپىللىرىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى چېقىپ يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى توپىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇنى تاقىر تاش قىلىپ قويىمەن.
5 Ella sarà in mezzo del mare un luogo da stendervi le reti da pescare: perciocchè io ho parlato, dice il Signore Iddio; e sarà in preda alle genti.
ئۇ پەقەت دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى تورلار يېيىلىدىغان جاي بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ئۇ ئەللەر ئۈچۈن ئولجا بولۇپ قالىدۇ.
6 E le sue città, che [sono] in terra ferma, saran messe a fil di spada; e conosceranno che io [sono] il Signore.
ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرى قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
7 Perciocchè, così ha detto il Signore Iddio: Ecco, io fo venire di Settentrione, contro a Tiro, Nebucadnesar, re di Babilonia, re dei re, con cavalli, e con carri, e con cavalieri, e con raunata di gente, e molto popolo.
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن تۇر بىلەن قارشىلىشىشقا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، يەنى «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى»نى، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن، ئاتلىق چەۋەندازلار، قوشۇن ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن شىمال تەرىپىدىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن.
8 Egli metterà a fil di spada le tue città, che [sono] in terra ferma; e rizzerà contro a te delle bastie, e farà contro a te degli argini, e leverà contro a te lo scudo;
ئۇ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرىنى قىلىچ بىلەن سويىدۇ، ساڭا مۇھاسىرە پوتەيلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكنى ياسايدۇ، ساڭا قاراپ قالقانلىرىنى كۆتۈرىدۇ.
9 e percoterà le tue mura co' suoi trabocchi, e diroccherà le tue torri co' suoi picconi.
ئۇ سېپىللىرىڭغا بۆسكۈچى بازغانلارنى قارىتىپ تىكلەيدۇ، قورال-پالتىلىرى بىلەن مۇنارلىرىڭنى چېقىپ غۇلىتىدۇ.
10 Cotanto sarà grande la moltitudine dei suoi cavalli, che la lor polvere ti coprirà; per lo strepito de' cavalieri, e delle ruote, e de' carri, le tue mura tremeranno, quando egli entrerà dentro alle tue porte, come si entrà in una città sforzata.
ئۇنىڭ ئاتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن چاڭ-توپىسى سېنى قاپلايدۇ؛ سېپىللىرى بۆسۈلگەن بىر شەھەرگە بۆسۈپ كىرگەندەك ئۇ سېنىڭ قوۋۇقلىرىڭدىن كىرگەندە، سېپىللىرىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ، چاقلارنىڭ ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ساداسى بىلەن تەۋرىنىپ كېتىدۇ.
11 Egli calcherà tutte le tue strade con le unghie de' suoi cavalli, ucciderà il tuo popolo con la spada, e le statue della tua gloria caderanno a terra.
ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى بىلەن ئۇ بارلىق رەستە-كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ؛ ئۇ پۇقرالىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ، كۈچلۈك تۈۋرۈكلىرىڭ يەرگە يىقىلىدۇ.
12 Ed essi prederanno le tue facoltà, e ruberanno le tue mercatanzie, e disfaranno le tue mura, e distruggeranno le tue belle case, e getteranno in mezzo delle acque le tue pietre, e il tuo legname, e la tua polvere.
ئۇلار بايلىقلىرىڭنى ئولجا، مال-تاۋارلىرىڭنى غەنىمەت قىلىدۇ؛ ئۇلار سېپىللىرىڭنى بۇزۇپ غۇلىتىپ، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىڭنى خارابە قىلىدۇ؛ ئۇلار سېنىڭ تاشلىرىڭ، ياغاچ-لىملىرىڭ ۋە توپا-چاڭلىرىڭنى دېڭىز سۇلىرى ئىچىگە تاشلايدۇ.
13 Ed io farò cessar lo strepito delle tue canzoni, e il suono delle tue cetere non sarà più udito.
مەن ناخشلىرىڭنىڭ ساداسىنى تۈگىتىمەن؛ چىلتارلىرىڭنىڭ ئاۋازى قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ.
14 Ed io ti renderò simile ad un sasso ignudo; tu sarai un luogo da stender le reti da pescare, tu non sarai più riedificata; perciocchè io, il Signore, ho parlato, dice il Signore Iddio.
مەن سېنى تاقىر تاش قىلىمەن؛ سەن تورلار يېيىلىدىغان بىر جاي بولىسەن، خالاس؛ سەن قايتىدىن قۇرۇلمايسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15 Così ha detto il Signore Iddio a Tiro: Le isole non tremeranno esse per lo romore della tua caduta, quando i feriti gemeranno, quando l'uccisione si farà in mezzo di te?
رەب پەرۋەردىگار تۇرغا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن غۇلاپ كەتكىنىڭدە، يارىلانغانلار ئاھ-زارلىغىنىدا، ئوتتۇرۇڭدا قىرغىن-چاپقۇن قىلىنغاندا، دېڭىزنىڭ چەت ياقىلىرى تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟
16 Tutti i principi del mare scenderanno anch'essi d'in su i lor troni, e torranno via i loro ammanti, e spoglieranno i lor vestimenti di ricami; si vestiranno di spaventi, sederanno sopra la terra, e tremeranno ad ogni momento, e saranno attoniti di te.
دېڭىزدىكى شاھزادىلەر تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى بىرياققا تاشلاپ، كەشتىلىك كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى قورقۇنچ-تىترەك بىلەن پۈركەيدۇ؛ ئۇلار يەرگە ئولتۇرۇپ، ھېچ توختاۋسىز تىترەپ، ساڭا قاراپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ.
17 E prenderanno a fare un lamento di te, e ti diranno: Come sei perita, tu, che eri abitata da [gente di] marina, città famosa, che eri forte in mare; tu, e i tuoi abitanti, i quali si facevan temere a tutti quelli che dimoravano in te!
ئۇلار سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئاھالەڭ دېڭىزدىكىلەردىن بولغان، داڭقى چىققان، دېڭىز ئۈستىدىن كۈچلۈك ھۆكۈم سۈرگەن، ئۆز ۋەھشەتلىرىڭنى بارلىق دېڭىزدا تۇرۇۋاتقانلارغا سالغان شەھەر! سەن ۋە سەندا تۇرۇۋاتقانلار نەقەدەر ھالاك بولغان!
18 Ora le isole saranno spaventate nel giorno della tua caduta, e le isole [che son] nel mare saranno conturbate per la tua uscita.
ھازىر سېنىڭ غۇلاپ كەتكەن كۈنۈڭدە، دېڭىز بويىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە قىرغاقتىكىلەر سېنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنىڭدىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى».
19 Perciocchè, così ha detto il Signore Iddio: Quando io ti avrò renduta città deserta, come [son] le città disabitate; quando avrò fatto traboccar sopra te l'abisso, e le grandi acque ti avran coperta;
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى ئادەمزاتسىز شەھەرلەردەك، خارابە شەھەر قىلغىنىمدا، مەن ئۈستۈڭگە دېڭىز چوڭقۇرلۇقلىرىنى چىقىرىپ سېنى چۆكۈرگىنىمدە، ئۇلۇغ سۇلار سېنى بېسىپ ياپقاندا،
20 e ti avrò fatta scendere, con quelli che scendono nella fossa, al popolo antico; e ti avrò stanziata nelle più basse parti della terra, ne' luoghi desolati ab antico, con quelli che scendono nella fossa, acciocchè tu non sii [mai più] abitata, allora rimetterò la gloria nella terra de' viventi.
شۇ تاپتا مەن سېنى ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە چۈشۈرىمەن، قەدىمكى زاماندىكىلەرنىڭ قاتارىغا چۈشۈرىمەن؛ سېنى يەرنىڭ تېگىلىرىدە تۇرغۇزىمەن؛ سېنىڭدە قايتىدىن ئادەمزات بولماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قەدىمكى خارابىلەر ئارىسىغا، ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە بولۇشقا چۈشۈرىمەن؛ بىراق تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولسا گۈزەللىك تىكلەپ قويىمەن؛
21 Io farò che tu non sarai altro che spaventi, e tu non [sarai] più; e sarai cercata, ma non sarai giammai più in perpetuo trovata, dice il Signore Iddio.
مەن سېنى باشقىلارغا بىر ئاگاھى-ۋەھشەت قىلىمەن؛ سەن قايتىدىن ھېچ بولمايسەن؛ ئۇلار سېنى ئىزدەيدۇ، بىراق سەن مەڭگۈگە تېپىلمايسەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

< Ezechiele 26 >