< Книга пророка Софонии 2 >

1 Соберитеся и свяжитеся, язык ненаказанный,
يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»،
2 прежде неже быти вам якоже цвету мимоходящу в день, прежде неже приити на вы гневу Господню, прежде неже приити на вы дню ярости Господни.
يارلىق چىققۇچە، كۈن توپاندەك تېز ئۆتۈپ كەتكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىق غەزىپى ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدىغان كۈن ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە،
3 Взыщите Господа, вси смиреннии земли, суд содевайте и правды взыщите, (взыщите кротости) и отвещайте я, яко да покрыетеся в день гнева Господня.
پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛ ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛ ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر.
4 Зане Газа расхищена будет, и Аскалон во изчезновение будет: и Азот в полудни отвержется, и Аккарон искоренится.
چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.
5 Горе живущым на ужи морстем, пришелцы Критстии: слово Господне на вас, Ханаане, земле иноплеменников, и погублю вы от жилища:
دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ساڭا قارشىدۇر، ئى قانائان، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنى! ئاھالەڭ قالمىغۇچە مەن سېنى ھالاك قىلىمەن.
6 и будет Крит пажить стадам и ограда овцам,
دېڭىز بويى پادىچىلار ئۈچۈن چىمەنزار، قوي پادىلىرى ئۈچۈن قوتانلار بولىدۇ؛
7 и будет уже морское оставшым дому Иудина: на них пожируют в домех Аскалоних, к вечеру витати имут от лица сынов Иудиных, яко присети их Господь Бог их и возврати плен их.
دېڭىز بويى يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالدىسى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ؛ ئاشكېلوننىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلار كەچ كىرگەندە ياتىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇداسى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
8 Слышах поношения Моавля и укоризны сынов Аммоних, о нихже поношаху людем Моим и величахуся на пределы Моя.
مەن موئابنىڭ دەشنىمىنى، ئاممونىيلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خەلقىمنى مازاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى پايمال قىلىپ ماختىنىپ كەتتى.
9 Сего ради живу Аз, глаголет Господь Сил, Бог Израилев: зане Моав яко Содома будет, и сынове Аммони яко Гоморра, и Дамаск оставлен яко стог гуменный и разорен во век: и прочии людий Моих расхитят я, и оставшии языка Моего наследят их.
شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ ــ يەنى چاققاقلار ۋە شورلۇقلار قاپلانغان جاي، دائىم بىر چۆل-جەزىرە بولىدۇ؛ ھەم خەلقىمنىڭ قالدىسى ئۇلاردىن ئولجا ئالىدۇ، قوۋمىمنىڭ قالغانلىرى بۇلارغا ئىگە بولىدۇ.
10 Сие им за досаждение их, зане поносиша и возвеличишася на люди Господа Вседержителя.
ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇ ئىش بېشىغا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مازاق قىلىپ ماختىنىپ كەتتى.
11 Явится Господь на них и потребит вся боги языков земных: и поклонятся Ему кийждо от места своего, вси острови язычестии.
پەرۋەردىگار ئۇلارغا دەھشەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدىكى بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەر، بارلىق چەت ئارالدىكىلەر ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
12 И вы, Мурини, язвени оружием Моим будете.
ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر.
13 И прострет руку Свою на север и погубит Ассирианина, и положит Ниневию во изчезновение безводно, яко пустыню:
ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ.
14 и пожируют посреде ея стада и вси зверие земнии, и хамелеоны и ежеве во гнездах ея вогнездятся: и зверие возвыют в разселинах ея, и вранове во вратех ея, зане кедр возношение ея.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارۋا پادىلىرى، شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ ھەرخىللىرى ياتىدۇ؛ چۆل ھۇۋقۇشى، چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدا قونىدۇ؛ دېرىزىلىرىدىن سايراشلار ئاڭلىنىدۇ؛ بوسۇغىلىرىدا ۋەيرانىلىق تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بۇنىڭ كېدىر ياغاچ نەقىشلىرىنى ئوچۇقچىلىقتا قالدۇرىدۇ؛
15 Сей град презорливый, живяй на уповании, глаголяй в сердцы своем: аз есмь, и несть по мне еще: како бысть во изчезновение, пажить зверем? Всяк мимоходяй сквозе его позвиждет и воздвигнет руце свои.
مانا بۇ ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى شاد-خۇرام شەھەر، كۆڭلىدە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن شەھەر ــ ئۇ شۇنچىلىك بىر ۋەيرانە، ھايۋانلارنىڭ بىر قونالغۇسى بولۇپ قالدىغۇ! ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ.

< Книга пророка Софонии 2 >