< تارىخ-تەزكىرە 1 21 >

شەيتان ئىسرائىللارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، داۋۇتنى ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېزىقتۇردى. 1
ויעמד שטן על ישראל ויסת את דויד למנות את ישראל׃
شۇڭا داۋۇت يوئابقا ۋە خەلقنىڭ يولباشچىلىرىغا: «سىلەر بەئەر-شېبادىن دانغىچە ئارىلاپ ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ كېلىپ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي» دېدى. 2
ויאמר דויד אל יואב ואל שרי העם לכו ספרו את ישראל מבאר שבע ועד דן והביאו אלי ואדעה את מספרם׃
لېكىن يوئاب جاۋابەن: ــ«پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، يۈز ھەسسە ئاشۇرۇۋەتكەي. لېكىن ئى خوجام پادىشاھىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتىڭدە تۇرۇۋاتقانلار ئەمەسمۇ؟ خوجام بۇ ئىشنى زادى نېمە دەپ تەلەپ قىلىدۇ؟ خوجام ئىسرائىلنى نېمىشقا گۇناھقا مۇپتىلا قىلىدىلا؟» ــ دېدى. 3
ויאמר יואב יוסף יהוה על עמו כהם מאה פעמים הלא אדני המלך כלם לאדני לעבדים למה יבקש זאת אדני למה יהיה לאשמה לישראל׃
لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىنى بېسىپ چۈشتى؛ شۇڭا يوئاب چىقىپ پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئارىلاپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 4
ודבר המלך חזק על יואב ויצא יואב ויתהלך בכל ישראל ויבא ירושלם׃
يوئاب ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقنىڭ سانىنى داۋۇتقا مەلۇم قىلدى؛ پۈتۈن ئىسرائىلدا قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر بىر مىليون بىر يۈز مىڭ؛ يەھۇدالاردىن قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر تۆت يۈز يەتمىش مىڭ بولۇپ چىقتى. 5
ויתן יואב את מספר מפקד העם אל דויד ויהי כל ישראל אלף אלפים ומאה אלף איש שלף חרב ויהודה ארבע מאות ושבעים אלף איש שלף חרב׃
بىراق لاۋىيلار بىلەن بىنيامىنلارلا ساناققا كىرمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى يوئابنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك ئىدى. 6
ולוי ובנימן לא פקד בתוכם כי נתעב דבר המלך את יואב׃
خۇدا بۇ ئىشنى يامان كۆرگەچكە، ئىسرائىللارغا زەربە بەردى. 7
וירע בעיני האלהים על הדבר הזה ויך את ישראל׃
داۋۇت خۇداغا: «مەن بۇ ئىشنى قىلىپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن؛ ئەمدى مەنكى قۇلۇڭنىڭ بۇ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈشىڭنى تىلەيمەن، چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىپتىمەن» ــ دېدى. 8
ויאמר דויד אל האלהים חטאתי מאד אשר עשיתי את הדבר הזה ועתה העבר נא את עוון עבדך כי נסכלתי מאד׃
پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گادقا: 9
וידבר יהוה אל גד חזה דויד לאמר׃
سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى، مەن ساڭا ئۈچ بالا-قازانى ئالدىڭدا قويىمەن؛ شۇنىڭدىن بىرىنى تاللىۋال، مەن شۇنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن» دېگىن، ــ دېدى. 10
לך ודברת אל דויד לאמר כה אמר יהוה שלוש אני נטה עליך בחר לך אחת מהנה ואעשה לך׃
شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: 11
ויבא גד אל דויד ויאמר לו כה אמר יהוה קבל לך׃
«قېنى تاللىغىن: يا ئۈچ يىل ئاچارچىلىقتا قېلىشتىن، يا ئۈچ ئاي دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، ياۋلىرىڭ تەرىپىدىن قوغلاپ قىلىچلىنىشىدىن ۋە ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچىنىڭ ئۇرۇشى ــ يەنى ۋابا كېسىلىنىڭ زېمىندا تارقىلىشى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنى خاراب قىلىشىدىن بىرىنى تاللىغىن». ئەمدى ئويلىنىپ كۆر، بىر نېمە دېگىن؛ مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» دېدى. 12
אם שלוש שנים רעב ואם שלשה חדשים נספה מפני צריך וחרב אויבך למשגת ואם שלשת ימים חרב יהוה ודבר בארץ ומלאך יהוה משחית בכל גבול ישראל ועתה ראה מה אשיב את שלחי דבר׃
داۋۇت گادقا: «مەن بەك قاتتىق تەڭلىكتە قالدىم؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي دەيمەن، چۈنكى ئۇ تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر. پەقەت ئىنسانلارنىڭ قولىغا چۈشمىسەم، دەيمەن» دېدى. 13
ויאמר דויד אל גד צר לי מאד אפלה נא ביד יהוה כי רבים רחמיו מאד וביד אדם אל אפל׃
شۇ سەۋەبلىك پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ۋابا تارقاتتى؛ ئىسرائىللاردىن يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. 14
ויתן יהוה דבר בישראל ויפל מישראל שבעים אלף איש׃
خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى؛ ئۇ ۋەيران قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشۈرگەن بۇ بالا-قازادىن پۇشايمان قىلىپ قالدى-دە، ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: «بەس! ئەمدى قولۇڭنى تارت!» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 15
וישלח האלהים מלאך לירושלם להשחיתה וכהשחית ראה יהוה וינחם על הרעה ויאמר למלאך המשחית רב עתה הרף ידך ומלאך יהוה עמד עם גרן ארנן היבוסי׃
داۋۇت بېشىنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا، قولىدىكى غىلاپتىن سۇغۇرغان قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى بۆز رەختكە ئورالغان ھالدا يەرگە دۈم يىقىلدى. 16
וישא דויד את עיניו וירא את מלאך יהוה עמד בין הארץ ובין השמים וחרבו שלופה בידו נטויה על ירושלם ויפל דויד והזקנים מכסים בשקים על פניהם׃
داۋۇت خۇداغا: «خەلقنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلىپ بۇ رەزىللىك ئۆتكۈزگۈچى مەندۇرمەن؛ بۇ بىر پادا قويلار بولسا، زادى نېمە قىلدى؟ ئاھ، پەرۋەردىگار خۇدايىم، قولۇڭ ئۆز خەلقىڭگە ئەمەس، بەلكى ماڭا ۋە مېنىڭ جەمەتىمگە چۈشكەي، ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن!» دېدى. 17
ויאמר דויד אל האלהים הלא אני אמרתי למנות בעם ואני הוא אשר חטאתי והרע הרעותי ואלה הצאן מה עשו יהוה אלהי תהי נא ידך בי ובבית אבי ובעמך לא למגפה׃
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا: سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، ئۇ يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىغا چىقىپ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ سالسۇن، دېۋىدى، 18
ומלאך יהוה אמר אל גד לאמר לדויד כי יעלה דויד להקים מזבח ליהוה בגרן ארנן היבסי׃
داۋۇت گادنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقىنى بويىچە شۇ يەرگە چىقتى. 19
ויעל דויד בדבר גד אשר דבר בשם יהוה׃
ئۇ چاغدا ئورنان بۇغداي تېپىۋاتاتتى؛ ئورنان بۇرۇلۇپ پەرىشتىنى كۆرۈپ، ئۆزى تۆت ئوغلى بىلەن مۆكۈۋالغانىدى. 20
וישב ארנן וירא את המלאך וארבעת בניו עמו מתחבאים וארנן דש חטים׃
داۋۇت ئورناننىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ داۋۇتنى كۆرۈپ، خاماندىن چىقىپ كەلدى-دە، بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ داۋۇتقا تەزىم قىلدى. 21
ויבא דויד עד ארנן ויבט ארנן וירא את דויד ויצא מן הגרן וישתחו לדויד אפים ארצה׃
داۋۇت ئورنانغا: «خەلق ئىچىدە تارالغان ۋابانى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ خاماننى ۋە ئەتراپىدىكى يەرنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالاي دەيمەن. سەن تولۇق باھا قويۇپ بۇ يېرىڭنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ» دېدى. 22
ויאמר דויד אל ארנן תנה לי מקום הגרן ואבנה בו מזבח ליהוה בכסף מלא תנהו לי ותעצר המגפה מעל העם׃
ــ ئالسىلا، غوجام پادىشاھىمنىڭ قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلغاي؛ قارىسىلا، قۇربانلىق قىلىشقا كالىلارنى بېرەي، خامان تېپىدىغان تىرنىلارنى ئوتۇن قىلىپ قالىسىلا، بۇغداينى ئاش ھەدىيەسىگە ئىشلەتسىلە؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆزلىرىگە تۇتتۇم، دېدى ئورنان داۋۇتقا. 23
ויאמר ארנן אל דויד קח לך ויעש אדני המלך הטוב בעיניו ראה נתתי הבקר לעלות והמורגים לעצים והחטים למנחה הכל נתתי׃
«ياق»، ــ دېدى داۋۇت ئورنانغا، ــ «قانداقلا بولمىسۇن مەن تولۇق باھاسى بويىچە سېتىۋالىمەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭكىنى ئېلىۋېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتىسام بولمايدۇ، بەدەل تۆلىمەي كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ھەرگىز سۇنمايمەن». 24
ויאמר המלך דויד לארנן לא כי קנה אקנה בכסף מלא כי לא אשא אשר לך ליהוה והעלות עולה חנם׃
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇننى ئۆلچەپ ئورنانغا بېرىپ ئۇ يەرنى سېتىۋالدى. 25
ויתן דויד לארנן במקום שקלי זהב משקל שש מאות׃
داۋۇت ئۇ يەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ تىلىگىنى قوبۇل كۆرۈپ، جاۋابەن ئاسماندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىغا ئوت چۈشۈردى. 26
ויבן שם דויד מזבח ליהוה ויעל עלות ושלמים ויקרא אל יהוה ויענהו באש מן השמים על מזבח העלה׃
پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى بۇيرۇۋىدى، ئۇ قىلىچىنى قايتىدىن غىلىپىغا سالدى. 27
ויאמר יהוה למלאך וישב חרבו אל נדנה׃
ئۇ چاغدا، داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ يەبۇسىيلاردىن بولغان ئورناننىڭ خامىنىدا ئۇنىڭ تىلىكىگە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ يەردە قۇربانلىق سۇنۇشقا باشلىدى. 28
בעת ההיא בראות דויד כי ענהו יהוה בגרן ארנן היבוסי ויזבח שם׃
ئۇ چاغدا، مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىدە ئىدى؛ 29
ומשכן יהוה אשר עשה משה במדבר ומזבח העולה בעת ההיא בבמה בגבעון׃
لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ يەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 30
ולא יכל דויד ללכת לפניו לדרש אלהים כי נבעת מפני חרב מלאך יהוה׃

< تارىخ-تەزكىرە 1 21 >