< ئەزرا 1 >

پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ 1
ובשנת אחת לכורש מלך פרס לכלות דבר יהוה מפי ירמיה העיר יהוה את רוח כרש מלך פרס ויעבר קול בכל מלכותו וגם במכתב לאמר׃
«پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. 2
כה אמר כרש מלך פרס כל ממלכות הארץ נתן לי יהוה אלהי השמים והוא פקד עלי לבנות לו בית בירושלם אשר ביהודה׃
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغانلاردىن ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى يېرۇسالېمغا چىقسۇن، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالسۇن! ئۇ بولسا خۇدادۇر، ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر! 3
מי בכם מכל עמו יהי אלהיו עמו ויעל לירושלם אשר ביהודה ויבן את בית יהוה אלהי ישראל הוא האלהים אשר בירושלם׃
[سۈرگۈنلۈكتە] قالغان خەلق قەيەرلەردە ماكانلاشقان بولسا، [ئۇ يېرۇسالېمغا چىقسۇن]؛ شۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش، مال-مۈلۈك، چارپايلارنى تەمىنلەپ ياردەم بەرسۇن ۋە شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا جايلاشقان خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلسۇن» ــ دېدى. 4
וכל הנשאר מכל המקמות אשר הוא גר שם ינשאוהו אנשי מקמו בכסף ובזהב וברכוש ובבהמה עם הנדבה לבית האלהים אשר בירושלם׃
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى قەبىلە باشلىقلىرى، كاھىنلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا خۇدا تەرىپىدىن روھى قوزغىتىلغان بارلىق خەلق ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى [يېڭىۋاشتىن] سېلىشقا بېرىشقا تەييارلاندى. 5
ויקומו ראשי האבות ליהודה ובנימן והכהנים והלוים לכל העיר האלהים את רוחו לעלות לבנות את בית יהוה אשר בירושלם׃
ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈش قاچا-قۇچا، ئالتۇن، مال-مۈلۈك، چارپايلار ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملار بىلەن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، بۇنىڭدىن باشقا سۇنۇلىدىغان ھەرخىل ئىختىيارىي ھەدىيە-قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەرخىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. 6
וכל סביבתיהם חזקו בידיהם בכלי כסף בזהב ברכוש ובבהמה ובמגדנות לבד על כל התנדב׃
پادىشاھ قورەش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلىرىنىمۇ، يەنى ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلارنىمۇ ئېلىپ چىقتى. 7
והמלך כורש הוציא את כלי בית יהוה אשר הוציא נבוכדנצר מירושלם ויתנם בבית אלהיו׃
پارس پادىشاھى قورەش خەزىنە بېگى مىترەداتنى بۇيرۇپ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئالدۇرۇپ چىقتى؛ مىترەدات شۇلارنى يەھۇدانىڭ ئەمىرى شەشبازارغا سانى بويىچە ساناپ تاپشۇرۇپ بەردى. 8
ויוציאם כורש מלך פרס על יד מתרדת הגזבר ויספרם לששבצר הנשיא ליהודה׃
قاچا-قۇچىلارنىڭ سانى مۇنداق: ــ ئالتۇن داس ئوتتۇز، كۈمۈش داس مىڭ، پىچاق يىگىرمە توققۇز، 9
ואלה מספרם אגרטלי זהב שלשים אגרטלי כסף אלף מחלפים תשעה ועשרים׃
ئالتۇن پىيالە ئوتتۇز، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولغان كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون؛ باشقا قاچا-قۇچىلار بىر مىڭ. 10
כפורי זהב שלשים כפורי כסף משנים ארבע מאות ועשרה כלים אחרים אלף׃
بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا، بەش مىڭ تۆت يۈز. سۈرگۈن قىلىنغان خەلق بابىلدىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدا، شەشبازار بۇ قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. 11
כל כלים לזהב ולכסף חמשת אלפים וארבע מאות הכל העלה ששבצר עם העלות הגולה מבבל לירושלם׃

< ئەزرا 1 >