< يەرەمىيا 27 >

يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، شۇ سۆز يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ユダの王ヨシヤの子ゼデキヤが世を治め始めたころ、この言葉が主からエレミヤに臨んだ。
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئاسارەتلەر ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى ياساپ ئۆز بوينۇڭغا سال؛ 2
すなわち主はこうわたしに仰せられた、「綱と、くびきとを作って、それをあなたの首につけ、
بۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا، موئابنىڭ پادىشاھىغا، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا، تۇرنىڭ پادىشاھىغا ۋە زىدوننىڭ پادىشاھىغا يېرۇسالېمغا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئەۋەتكىن؛ 3
エルサレムにいるユダの王ゼデキヤの所に来た使者たちによって、エドムの王、モアブの王、アンモンびとの王、ツロの王、シドンの王に言いおくりなさい。
ھەربىرىنى ئۆز خوجايىنلىرىغا شۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز خوجايىنلىرىڭلارغا مۇنداق دەڭلار: ــ 4
彼らの主君にこの命を伝えさせなさい、『万軍の主、イスラエルの神はこう仰せられる、あなたがたは主君にこのように告げなければならない。
مەن زېمىن ۋە زېمىن يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى زور قۇدرىتىم ۋە سوزۇلغان بىلىكىم بىلەن ياراتقانمەن؛ ۋە كىم كۆزۈمگە لايىق كۆرۈنسە، بۇلارنى شۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. 5
わたしは大いなる力と伸べた腕とをもって、地と地の上にいる人と獣とをつくった者である。そして心のままに地を人に与える。
ھازىر مەن بۇ زېمىنلەرنىڭ ھەممىسىنى بابىل پادىشاھى، مېنىڭ قۇلۇم بولغان نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. 6
いまわたしはこのすべての国を、わたしのしもべであるバビロンの王ネブカデネザルの手に与え、また野の獣をも彼に与えて彼に仕えさせた。
بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ، ئوغلىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۆز زېمىنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، كۆپ ئەللەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار ئۇنىمۇ قۇللۇققا سالىدۇ. 7
彼の地に時がくるまで、万国民は彼とその子とその孫に仕える。その時がくるならば、多くの国と大いなる王たちとが彼を自分の奴隷にする。
شۇنداق بولىدۇكى، قايسى ئەل ياكى پادىشاھلىق بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشنى، يەنى بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇشنى رەت قىلسا، مەن شۇ ئەلنى نېبوقادنەسارنىڭ قولى ئارقىلىق يوقاتقۇزغۇچە قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 8
バビロンの王ネブカデネザルに仕えず、バビロンの王のくびきを自分の首に負わない民と国とは、わたしがつるぎと、ききんと、疫病をもって罰し、ついには彼の手によってことごとく滅ぼすと主は言われる。
ــ سىلەر بولساڭلار، «بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا ھېچ بولمايسىلەر» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلارغا، پالچىلىرىڭلارغا، چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلارغا، رەم ئاچقۇچىلىرىڭلارغا ياكى جادۇگەرلىرىڭلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ 9
それで、あなたがたの預言者、占い師、夢みる者、法術師、魔法使が、「あなたがたはバビロンの王に仕えることはない」と言っても、聞いてはならない。
چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىق قىلىپ بېشارەت بېرىدۇ؛ [گەپلىرىگە كىرسەڭلار]، سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلاردىن سۈرگۈن قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۆزۈم سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەيمەن، سىلەر نابۇت بولىسىلەر. 10
彼らはあなたがたに偽りを預言して、あなたがたを自分の国から遠く離れさせ、わたしに、あなたがたを追い出してあなたがたを滅ぼさせるのである。
لېكىن قايسى ئەل بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ قۇللۇقىغا كىرسە، شۇ ئەلنى ئۆز يۇرتىدا تۇرغۇزىمەن، ئۇلار ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق قىلىپ ياشايدۇ. 11
しかしバビロンの王のくびきを首に負って、彼に仕える国民を、わたしはその故国に残らせ、それを耕して、そこに住まわせると主は言われる』」。
ــ مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغىمۇ شۇ سۆزلەر بويىچە مۇنداق دېدىم: «بوينۇڭلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر. 12
わたしはユダの王ゼデキヤにも同じように言った、「あなたがたは、バビロンの王のくびきを自分の首に負って、彼とその民とに仕え、そして生きなさい。
ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنمىغان ھەرقايسى ئەللەر توغرىسىدا دېگىنىدەك، سەن ۋە خەلقىڭ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلمەكچى بولىسىلەر؟ 13
どうしてあなたと、あなたの民とが、主がバビロンの王に仕えない国民について言われたように、つるぎと、ききんと、疫病に死んでよかろうか。
پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بابىلنىڭ قۇللۇقىدا بولمايسىلەر» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. 14
あなたがたはバビロンの王に仕えることはないとあなたがたに告げる預言者の言葉を聞いてはならない。彼らがあなたがたに預言していることは偽りであるからだ。
مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، مەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدىۋېتىمەن، شۇنىڭدەك نابۇت بولىسىلەر؛ سىلەر ۋە سىلەرگە بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرلەر نابۇت بولىسىلەر». 15
主は言われる、わたしが彼らをつかわしたのではないのに、彼らはわたしの名によって偽って預言している。そのために、わたしはあなたがたを追い払い、あなたがたと、あなたがたに預言する預言者たちを滅ぼすようになるのだ」。
ئاندىن مەن كاھىنلارغا ۋە بۇ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار پات ئارىدا بابىلدىن قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. 16
わたしはまた祭司とこのすべての民とに語って言った、「主はこう仰せられる、『見よ、主の宮の器は今、すみやかに、バビロンから返されてくる』とあなたがたに預言する預言者の言葉を聞いてはならない。それは、彼らがあなたがたに預言していることは偽りであるからだ。
ئۇلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر؛ بۇ شەھەر نېمىشقا ۋەيران بولسۇن؟ 17
彼らのいうことを聞いてはならない。バビロンの王に仕え、そして生きなさい。どうしてこの町が荒れ地となってよかろうか。
ئەگەر بۇلار ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر بولسا ھەم پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلاردا بولسا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۆزىدە قالغان قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار بابىلغا ئېلىپ كېتىلمىسۇن دەپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلسۇن! 18
もし彼らが預言者であって、主の言葉が彼らのうちにあるのであれば、主の宮とユダの王の宮殿とエルサレムとに残されている器が、バビロンに移されないように、万軍の主に、とりなしを願うべきだ。
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىككى [مىس] تۈۋرۈك، [مىس] «دېڭىز»، داس ھارۋىلىرى ۋە بۇ شەھەردە قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ 19
万軍の主は柱と海と台、その他この町に残っている器について、こう仰せられる。
(بۇلارنى بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھنى يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئېسىلزاد-ئەمىرلەر بىلەن تەڭ يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا ئۇ ئېلىپ كەتمىگەنىدى) 20
これはバビロンの王ネブカデネザルが、ユダの王エホヤキムの子エコニヤ、およびユダとエルサレムのすべての身分の尊い人々を捕えてエルサレムからバビロンに移したときに、持ち去らなかった器である。
بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 21
すなわち万軍の主、イスラエルの神は、主の宮とユダの王の宮殿とエルサレムとに残されている器について、こう仰せられる。
ئۇلارمۇ بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار مەن ئۇلاردىن قايتىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئېلىپ بۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. 22
これらはバビロンに携え行かれ、わたしが顧みる日までそこにおかれている。その後、わたしはこれらのものを、この所に携え帰らせると主は言われる」。

< يەرەمىيا 27 >