< ماتتا 28 >

شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتاي دېگەندە، ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى. 1
ביום ראשון השכם בבוקר, בעלות השחר, הלכו מרים המגדלית ומרים השנייה אל הקבר.
ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، [قەبرىگە] بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. 2
לפתע התחוללה רעידת אדמה חזקה, ומלאך ירד מהשמים, הזיז את האבן שחסמה את הפתח וישב עליה.
پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. 3
פניו האירו כברק, ובגדיו היו צחורים כשלג.
كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. 4
כשראו השומרים את המלאך, הם התעלפו מרוב בהלה ונפלו על הארץ כמתים.
پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ: ــ قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن. 5
”אל תפחדנה“, פנה המלאך אל הנשים.”אני יודע שאתן מחפשות את ישוע שנצלב.
ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛ 6
אולם הוא אינו נמצא כאן. ישוע קם לתחייה בדיוק כפי שהבטיח. היכנסו, תראו את המקום שבו שכב.
ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ــ دېدى. 7
עכשיו לכו מהר אל תלמידיו ותאמרו להם שישוע קם מן המתים, והולך לפניכם לגליל. אתם תראו אותו שם. זהו, אמרתי לכם!“
شۇڭا ئاياللار ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى. 8
הנשים רצו מן הקבר מבוהלות מאוד, אך מלאות שמחה, ומיהרו למצוא את התלמידים ולמסור להם את בשורת המלאך.
ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سالام سىلەرگە! ــ دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 9
בשעה שרצו נגלה אליהן ישוע.”שלום לכן“, אמר, והן נפלו לרגליו והשתחוו לפניו.
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، ــ دېدى. 10
”אל תפחדו“, הרגיע אותן ישוע.”לכו ואמרו לאחי ללכת מיד לגליל כדי לפגוש אותי שם.“
ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، مانا كۆزەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا باش كاھىنلارغا خەۋەر قىلدى. 11
כשהיו הנשים בדרכן העירה, באו השומרים אל ראשי הכוהנים וסיפרו להם מה שקרה,
[باش كاھىنلار] ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە بەك كۆپ پۇل بېرىپ: 12
הזקנים התכנסו לאסיפת חרום והחליטו לשחד את השומרים, כדי שיספרו שגופת ישוע נגנבה בזמן שישנו.
ــ سىلەر: «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» ــ دەڭلار. 13
ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز ــ دېدى. 14
”אם יגיע הדבר הזה לאוזני המושל, “הסבירו,”נעמוד לצדכם ונפייס אותו.“
شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۆزلىرىگە تاپىلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. 15
וכך קיבלו אנשי המשמר את השוחד ואמרו מה שנתבקשו לומר. גרסתם הופצה בין היהודים, אשר עד היום מאמינים בה.
ئون بىر مۇخلىس گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا بېكىتكەن تاغقا چىقىشتى. 16
בינתיים הלכו אחד־עשר התלמידים אל הגליל, כדי לפגוש את ישוע על אותו הר שאמר להם מראש.
ئۇلار ئۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى؛ لېكىن بەزىلىرى گۇمانلىنىپ قالدى. 17
כשראו אותו התלמידים הם השתחוו לפניו, למרות שחלקם הטילו ספק שאכן היה זה ישוע.
ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ــ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 18
”ניתנה לי כל סמכות בשמים ובארץ“, אמר להם ישוע.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، 19
”משום כך לכו ועשו תלמידים בכל העולם. הטבילו אותם בשם האב, הבן ורוח הקודש,
ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. (aiōn g165) 20
ולמדו אותם לעשות את כל אשר ציוויתי אתכם. היו סמוכים ובטוחים שאהיה אתכם עד סוף העולם!“ (aiōn g165)

< ماتتا 28 >