< Yǝrǝmiya 22 >

1 Pǝrwǝrdigar manga mundaⱪ dedi: «Barƣin, Yǝⱨuda padixaⱨining ordisiƣa qüxüp bu sɵzni xu yǝrdǝ ⱪilƣin: —
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن: ــ
2 Pǝrwǝrdigarning sɵzini angla, i Dawutning tǝhtigǝ olturƣuqi, Yǝⱨuda padixaⱨi — Sǝn, ǝlǝmdar-hizmǝtkarliring wǝ muxu dǝrwazilardin kirip-qiⱪidiƣan hǝlⱪing, —
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچى، يەھۇدا پادىشاھى ــ سەن، ئەلەمدار-خىزمەتكارلىرىڭ ۋە مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ-چىقىدىغان خەلقىڭ، ــ
3 Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: Adalǝt wǝ ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ yürgüzünglar; bulanƣan kixini ǝzgüqining ⱪolidin ⱪutⱪuzunglar; musapirlarni, yetim-yesirlǝrni wǝ tul hotunlarni ⱨeq harlimanglar yaki bozǝk ⱪilmanglar, gunaⱨsiz ⱪanlarni bu yǝrdǝ tɵkmǝnglar.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزۈڭلار؛ بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ مۇساپىرلارنى، يېتىم-يېسىرلەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى ھېچ خارلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار، گۇناھسىز قانلارنى بۇ يەردە تۆكمەڭلار.
4 Silǝr bu ǝmrlǝrgǝ ⱨǝⱪiⱪǝtǝn ǝmǝl ⱪilsanglar, ǝmdi Dawutning tǝhtigǝ olturƣan padixaⱨlar, yǝni ular, ularning ǝmǝldar-hizmǝtkarliri wǝ hǝlⱪi jǝng ⱨarwiliriƣa olturup wǝ atlarƣa minip bu ɵyning dǝrwaziliridin kirip qiⱪixidu.
سىلەر بۇ ئەمرلەرگە ھەقىقەتەن ئەمەل قىلساڭلار، ئەمدى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ چىقىشىدۇ.
5 Biraⱪ silǝr bu sɵzlǝrni anglimisanglar, Mǝn Ɵz namim bilǝn ⱪǝsǝm iqkǝnki, — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — bu orda bir harabǝ bolidu.
بىراق سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ ئوردا بىر خارابە بولىدۇ.
6 Qünki Pǝrwǝrdigar Yǝⱨuda padixaⱨining ɵyi toƣruluⱪ mundaⱪ dǝydu: — Sǝn Manga huddi Gilead, Liwanning qoⱪⱪisidǝk bolƣining bilǝn, bǝrⱨǝⱪ Mǝn seni bir qɵl-bayawan, adǝmlǝr waz kǝqkǝn xǝⱨǝrlǝrdǝk ⱪilimǝn.
چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك بولغىنىڭ بىلەن، بەرھەق مەن سېنى بىر چۆل-باياۋان، ئادەملەر ۋاز كەچكەن شەھەرلەردەك قىلىمەن.
7 Mǝn ⱨǝrbiri yahxi ⱪorallanƣan wǝyran ⱪilƣuqilarni sanga ⱪarxi ǝwǝtimǝn; ular «esil kedirliringni» kesiwetip, otⱪa taxlaydu.
مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ.
8 Nurƣun ǝllǝr bu xǝⱨǝrdin ɵtüp, ⱨǝrbiri yeⱪinidin: «Nemixⱪa Pǝrwǝrdigar bu uluƣ xǝⱨǝrni bundaⱪ ⱪilƣandu?» dǝp soraydu.
نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ.
9 Wǝ ular jawabǝn: «Qünki ular Pǝrwǝrdigar Hudasining ǝⱨdisidin waz keqip, baxⱪa ilaⱨlarƣa qoⱪunup ularning ⱪulluⱪiƣa kirgǝn» — dǝydu.
ۋە ئۇلار جاۋابەن: «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرگەن» ــ دەيدۇ.
10 Ɵlginigǝ yiƣlimanglar, uning üqün aⱨ-zarlimanglar; bǝlki sürgün bolƣini üqün ⱪattiⱪ yiƣlanglar, qünki u ɵz yurtiƣa ⱨeqⱪaqan ⱪaytip kǝlmǝydu.
ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ.
11 Qünki Yǝⱨuda padixaⱨi Yosiyaning oƣli, yǝni atisi Yosiyaning orniƣa tǝhtigǝ olturƣan, bu yǝrdin sürgün bolƣan Xallum toƣruluⱪ Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: U ⱨǝrgiz bu yǝrgǝ ⱪaytmaydu;
چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئاتىسى يوسىيانىڭ ئورنىغا تەختىگە ئولتۇرغان، بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان شاللۇم توغرۇلۇق پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەرگىز بۇ يەرگە قايتمايدۇ؛
12 qünki u ǝsir ⱪilinip apirilƣan yurtta ɵlidu, u bu zeminni ikkinqi kɵrmǝydu.
چۈنكى ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ.
13 Ɵyini adilsizliⱪ bilǝn, balihana-rawaⱪlirini adalǝtsizlik bilǝn ⱪurƣanning ⱨaliƣa way! U ⱪoxnisini bikar ixlitip, ǝmgikigǝ ⱨeqⱪandaⱪ ⱨǝⱪ bǝrmǝydu;
ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛
14 u: «Ɵzümgǝ kǝngtaxa bir ordini, azadǝ rawaⱪlar bilǝn ⱪoxup salimǝn; tamliriƣa derizilǝrni kǝng qiⱪirimǝn; tamlirini kedir tahtaylar bilǝn bezǝymǝn, ɵylirini pǝrǝng sirlaymǝn» — dǝydu. [Uning ⱨaliƣa way]!
ئۇ: «ئۆزۈمگە كەڭتاشا بىر ئوردىنى، ئازادە راۋاقلار بىلەن قوشۇپ سالىمەن؛ تاملىرىغا دېرىزىلەرنى كەڭ چىقىرىمەن؛ تاملىرىنى كېدىر تاختايلار بىلەن بېزەيمەن، ئۆيلىرىنى پەرەڭ سىرلايمەن» ــ دەيدۇ. [ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي]!
15 Sǝn kedir yaƣiqidin yasalƣan tahtaylarni qaplap, [ata-bowiliring] bilǝn bǝslǝxsǝng ⱪandaⱪmu padixaⱨ boluxⱪa layiⱪ bolisǝn? Sening atang yǝp-iqixkǝ tǝxǝkkür eytip, adalǝt wǝ durus ixlarni yürgüzgǝn ǝmǝsmu? Xunga u buning yahxiliⱪini kɵrgǝn.
سەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تاختايلارنى چاپلاپ، [ئاتا-بوۋىلىرىڭ] بىلەن بەسلەشسەڭ قانداقمۇ پادىشاھ بولۇشقا لايىق بولىسەن؟ سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن.
16 U mɵminlǝrning wǝ namratlarning dǝwasini toƣra soriƣan; xunga hǝlⱪning ǝⱨwali yahxi idi. Bundaⱪ ix Meni tonuxtin ibarǝt ǝmǝsmu?» — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ دەۋاسىنى توغرا سورىغان؛ شۇڭا خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى. بۇنداق ئىش مېنى تونۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
17 — Biraⱪ kɵzüng wǝ kɵnglüng bolsa pǝⱪǝt ɵz jazanǝ-mǝnpǝǝtinggǝ erixix, gunaⱨsizlarning ⱪenini tɵküx, zorluⱪ-zumbuluⱪ wǝ bulangqiliⱪ ⱪilix pǝytini kɵzlǝp tikilgǝndur.
ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر.
18 Xunga Pǝrwǝrdigar Yǝⱨuda padixaⱨi Yosiyaning oƣli Yǝⱨoakim toƣruluⱪ mundaⱪ dǝydu: — Hǝlⱪ uning ɵlümidǝ: «Aⱨ, akam! Aⱨ, singlim!» dǝp aⱨ-zarlar kɵtürmǝydu; yaki uning üqün: «Aⱨ, begim! Aⱨ, uning ⱨǝywisi!» dǝp aⱨ-zarlar kɵtürmǝydu;
شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە: «ئاھ، ئاكام! ئاھ، سىڭلىم!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئاھ، بېگىم! ئاھ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛
19 u exǝkning dǝpnisidǝk kɵmülidu, jǝsiti Yerusalem dǝrwazilirining sirtiƣa qɵrüp taxlinidu.
ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ.
20 Liwanƣa qiⱪip pǝryad ⱪil, Baxanda awazingni kɵtür, Abarimning qoⱪⱪiliridinmu nalǝ kɵtür; qünki sening «axniliring»ning ⱨǝmmisi nabut ⱪilindi.
لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر؛ چۈنكى سېنىڭ «ئاشنىلىرىڭ»نىڭ ھەممىسى نابۇت قىلىندى.
21 Mǝn aman-esǝn turƣiningda sanga agaⱨlandurdum; lekin sǝn: «Anglimaymǝn!» — deding. Yaxliⱪingdin tartipla bundaⱪ ⱪilip Mening awazimƣa ⱪulaⱪ salmasliⱪ dǝl sening yolung bolup kǝlgǝn.
مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم؛ لېكىن سەن: «ئاڭلىمايمەن!» ــ دېدىڭ. ياشلىقىڭدىن تارتىپلا بۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالماسلىق دەل سېنىڭ يولۇڭ بولۇپ كەلگەن.
22 Xamal barliⱪ «baⱪⱪuqi»liringƣa «baⱪⱪuqi» bolup ularni uqurup ketidu, xuning bilǝn axniliring sürgün boluxⱪa qiⱪidu; bǝrⱨǝⱪ, sǝn xu qaƣda barliⱪ rǝzilliking tüpǝylidin hijil bolup rǝswa bolisǝn.
شامال بارلىق «باققۇچى»لىرىڭغا «باققۇچى» بولۇپ ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشنىلىرىڭ سۈرگۈن بولۇشقا چىقىدۇ؛ بەرھەق، سەن شۇ چاغدا بارلىق رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن خىجىل بولۇپ رەسۋا بولىسەن.
23 I «Liwan»da turƣuqi, kedir dǝrǝhliri üstigǝ uwiliƣuqi, sǝn tolƣaⱪ tutⱪan ayalning azabliridǝk, dǝrd-ǝlǝmlǝr bexingƣa qüxkǝndǝ ⱪanqilik ingrap ketǝrsǝn!
ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن!
24 Ɵz ⱨayatim bilǝn ⱪǝsǝm iqimǝnki, — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — sǝn Yǝⱨoakimning oƣli Koniya ⱨǝtta ong ⱪolumdiki mɵⱨürlük üzük bolsangmu, Mǝn seni xu yǝrdin yulup taxlaymǝn;
ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛
25 Mǝn seni jeningni izdigüqilǝrning ⱪoliƣa wǝ sǝn ⱪorⱪⱪan adǝmlǝrning ⱪoliƣa, yǝni Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsarning ⱪoliƣa wǝ kaldiylǝrning ⱪoliƣa tapxurimǝn.
مەن سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا ۋە سەن قورققان ئادەملەرنىڭ قولىغا، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ۋە كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.
26 Mǝn seni ⱨǝm seni tuƣⱪan anang ikkinglarni ɵzünglar tuƣulmiƣan yat bir yurtⱪa qɵriwetimǝn; silǝr xu yǝrdǝ ɵlisilǝr.
مەن سېنى ھەم سېنى تۇغقان ئاناڭ ئىككىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر يۇرتقا چۆرىۋېتىمەن؛ سىلەر شۇ يەردە ئۆلىسىلەر.
27 Jeninglar ⱪaytip kelixkǝ xunqǝ tǝxna bolƣan bu zeminƣa bolsa, silǝr ⱨǝrgiz ⱪaytip kelǝlmǝysilǝr.
جېنىڭلار قايتىپ كېلىشكە شۇنچە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا بولسا، سىلەر ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيسىلەر.
28 Koniya degǝn bu kixi qeⱪilƣan, nǝzǝrgǝ elinmaydiƣan sapal kozimu? Ⱨeqkim ⱪarimaydiƣan bir ⱪaqimu? Əmdi nemixⱪa ular, yǝni u wǝ uning nǝsli bolƣanlar qɵriwetilgǝn, ular tonumaydiƣan bir yurtⱪa taxliwetilidu?
كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرىۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟
29 I zemin, zemin, zemin, Pǝrwǝrdigarning sɵzini angla!
ئى زېمىن، زېمىن، زېمىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا!
30 Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Bu adǝm «pǝrzǝntsiz, ɵz künidǝ ⱨeq ƣǝlibǝ ⱪilalmiƣan bir adǝm» dǝp yazƣin; qünki uning nǝslidin ⱨeqⱪandaⱪ adǝm ƣǝlibǝ ⱪilip, Dawutning tǝhtigǝ olturup Yǝⱨuda arisida ⱨɵküm sürmǝydu.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.

< Yǝrǝmiya 22 >